شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ج ئىئە چىقىش (2020) 255-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار : ئى** ، ئەر ، ئۇيغۇر،19**-يىلى *-ئاينىڭ *- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:2717 ******65212219، پىچان ناھىيە **بازىرى ** كەنتى 3-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق.تولۇقسىز مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان ، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى5- ئاينىڭ5- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئى**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4-ئاينىڭ11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق .دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2019-يىلى3- ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 20دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋابكارئى** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新**8P1نومۇرلۇق “ **” ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ شەرىقتىن غەرىبكە قاراپ مىڭىپ ،پىچان ناھىيە ** بازىرى ** ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خېڭجىڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 151- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دوكىلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : ئى** دىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml257.8 دەپ يەكۇن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5.نەق مەيدان ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئى** ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار تېز كىسىم چىقىرش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئى** دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار ئى** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئى**غا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە شىتىراپ قويۇپ جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار ئى**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
ئايجەننەت ھىمىت
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار ئى** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
1. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىنى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论