欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(叶某某,阿某某等2人盗窃案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئـاقسـۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئـەيىبنـامىسـى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 296-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ئا XXئايال،ئۇيغۇر ، 72 ياش، كىملىك نۇمۇرى: ،6529011947XXXXXXXXساۋاتسىز، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر XX يېزاXXكەنىت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى XX ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى XXشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايتىى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

جاۋابكار ھې ،XX ئايال، ئۇيغۇر، 66 ياش، كىملىك نۇمۇرى: ،6529011953XXXXXXXX ساۋاتسىز، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xxكەنىت xxگۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى xxشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايتىى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.

xxشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى )2020( 87-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە

جاۋابكار ئا XX، ھېXXلەر 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقسۇ شەھەر xx بازىرىغا بارغان، ھەمدە بازار چۆگلەپ قايتىش جەريانىدا،xxبازار سىرتقى ئايلانما يولىغا جايلاشقان -xxنۇمۇرلۇق دوكاننىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ قىرىدا ئۆزى يالغۇز گۆش سېتىۋاتقان زىيانلانغۇچى گۈل xxنىڭ گۆش ساتقان پۇلنى سومكىسىغا سالغانلىقىنى كۆرۈپ، جاۋابكار ئا، XX ھې XXلەر ئوغرىلىق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، زىيانلانغۇچى گۈل xxنىڭ يېنىغا كەلگەن، جاۋابكار ئا XX زىيانلانغۇچى گۈل xxنى گەپكە تۇتۇپ تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىنايەت گۇماندارى ھېXX گۆش ساتىدىغان غاتلەكنىڭ ئۈستىدىكى 15 مىڭ يۈەن بار سومكىنى ئوغىرلاپ، ئۆزىنىڭ قۇلىدىكى سومكىنىڭ ئىچىگە سېلىۋالغان، جاۋابكار ئا XX، ھې XXلەر نەق مەيداندىن ئايرىلىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ئادەم يوق يەرگە كەلگەندە جاۋابكار ھې XX ئوغرىلىغان سومكىنىڭ ئىچىدىكى پۇلنى جاۋابكار ئا XXغا بەرگەن، جاۋابكار ئا XX پۇلنى ساناپ كۆرگەندىن كىيىن 5500 يۈەننى جاۋابكار ھېXXكە بېرىپ قالغان 9500 يۈەننى ئۆزى ئېلىپ قالغان، دىلو پاش بولغاندا 13322 يۈەن ئەسلىگە كەلگەن، قالغان 1678 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ

مـەھكىمىمىز جاۋابكار ئا XX، ھې XX نىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددابەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكار ئا XX، ھې XXلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئا XXنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددا، 25-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە، ھېXXنى ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

تەپتىش : ئايچولپان ئېزىز

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ئىككى نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغانلىق توغرىسىدىكى تىلخەت، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى بىر توپلام رازۋىتكا دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top