博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕97号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك(2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار يېل*، ئەر، قازاق، 1967-يىلى*-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6527011967********،تولۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، *-ئوتتۇرا مەكتەپ پىنسىيونىرى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ بورتالا شەھەر *ئولتۇراق رايونى*-بىنا *-كورۇپۇس *-ئۆي، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى * ساقچىخانىسى. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15كۈن توختىتىلغان؛ 2019-يىلى 02-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 7 كۈن توختىتىلغان؛ 2019-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 15كۈن توختىتىلغان. 2017-يىلى12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قارارى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 04-كۈنى (2020)28-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ي*نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلار ئېنىقلاندى:
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 11 لەردىن ئاشقاندا، جاۋابكار ي* شىنجاڭ *-دىۋزىيە دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بىناسىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى ئاشقازان ئەينەك بۆلىمىنىڭ دوختۇرلار ئىشخانىسىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى جې *نىڭ بىر دانە 1750 يۈەن قىممىتىدىكى OPPO R17 ماركىلىق يانفونىنى ئوغۇرلىغان. ئوغۇرلانغان يانفون ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، يازما ئىسپات، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ي* پۇقرالارنىڭ 1750 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىگە دەخلى–تەرۇز قىلغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 264-ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ئەيىپلەشكە پىكىر قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : گۈلجامال نۇرتاش
2020-يىلى06-ئاينىڭ 02-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، ج خ ئۈچ توپلام، تەپتىش بىر توپلام ، بەش دانە پىلاستىنكا بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论