欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(古某某诈骗案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)   558-نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

     جاۋابكار گXX، ئايال، ئۇيغۇر، 27 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6531271992،  تۇللۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە XX رايونى XX بازىرى XX لىيەن XXدوم XXنۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق.  مۇقىم  كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019) 753-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار گ2018 XX   يىلى 4-ئايدىن 2019-يىلى 1-ئايغىچە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئىككىلىك كودىنى ئۈندىدار توپلىرى ۋە سالونلارغا تارقىتىپ ھەرخىل قەرىز بىجۈرۈش، ئىناۋەتلىك كارتا بىجۈرۈش، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىناۋەتلىك سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئالپاي چىقىمدانىدىكى پۇلنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئۈندىدار ئارقىلىق زىيانلانغۇچىلاردىن ئابXXنىڭ 8000 يۈەن، ئاXXنىڭ 3700 يۈەن، مXXنىڭ 100 يۈەن، ئوXXنىڭ 700 يۈەن، ئاXXنىڭ 1000 يۈەن، ياXXنىڭ 300 يۈەن، ئىXXنىڭ 3500 يۈەن، ئاXXىڭ 2450 يۈەن، گXXنىڭ 900 يۈەن بولۇپ جەمئىي 20650يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن .

  يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار گXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار گXXنىڭ قىلمىشى يەنە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار گXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ  176-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. 

                      تەپتىش :  ھۈسەنجان موللىمىن

                          2020-يىلى  5-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئىزاھات : 

1.​ جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2.​ 8 نۇسخا  ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top