欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(古某某盗窃案)

2021-09-20 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش ( 2020) 109 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

     جاۋاپكار گۈ،XX ئايال، ئۇيغۇر،19ياش،كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6529012000  ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، توختۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنىXX-بىنادا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بىلەن  توختىتىپ قويۇلۇپ شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى1-ئاينىڭ 5-كۈنى(2020) 26-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

       جاۋاپكار گۈXX  2019-يىلى6 -ئاينىڭ 21-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 2لەر بىلەن ئاقسۇ شەھەر XX دەرياسى بۇيىXX خوگۇخانسدا دۇستلىرى بىلەن يىغىلىشىپ تاماق يىيشىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا زىيانلانغۇچى ئايXXنىڭ ئۈندىدارىغا باغلاقلىق يىزا-ئىگلىك بانكا كارتىسىدىكى   15مىڭ يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئوغۇرلىقچە يۆتكەپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە  كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار گۈXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

                          تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت

     تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان

                 2020-يىلى 3-ئاينىڭ  11-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار گۈXX  ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top