乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕XX号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2021)XX- نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار گXX، ئايال، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخلىمەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار گXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق داۋا ھوقوقلىرىنى ۋە جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار گXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 ئەتراپىدا XX بازىرى XX رايونغا جايلاشقان «XX»غا مەيخانا خوجايىنى ئەXXدىن مەيخانىنى ساتقان پۇلنى سۈيلەپ كىرگەندە، مەيخانا ئىچىدە دوسلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان زىيانلانغۇچى ۋXX جاۋابكار گXXنى كۈرۈپ ئۇنى «ھېي سېرىق چاچلىق جالاپ، بۇياققا كېلىپ ماڭا بىللە ئولتۇرۇشۇپ بەر» دەپ تىللىغان، بۇ چاغدا جاۋابكار گXX زىيانلانغۇچى ۋXXنىڭ يېنىغا بېرىپ ياقىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ «سەن ئاغزىڭغا بېقىپ گەپ قىل، نېمە دەپ ئادەم تىللايسەن، سەن مېنى تونۇمتىڭ» دېگەندە، زىيانلانغۇچى ۋXX جاۋابكار گ XXنى «سەن كىمتىڭ» دەپ چېچىنى قولى بىلەن تۇتۇپ تارتقاندا، جاۋابكار گXX زىيانلانغۇچى ۋXX ئولتۇرغان جوزىنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىدە ئىچىملىك بار سوغۇق ئىچىملىك (مولىمىسا) قۇتىسى بىلەن زىيانلانغۇچى ۋXXنىڭ سول تەرەپ كۆزىگە بىرنى ئورغان، نەتىجىدە زىيانلانغۇچى ۋXXنىڭ سول كۆزى تاياق تەسىرىدىن يېنىك 2-دەرىجىدە زەخمىلەنگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قانۇن دوختۇرنىڭ زەخمە دەرىجە باھالاشنامىسىدا «زىيانلانغۇچى ۋXXنىڭ زەخمىسىنى 2-دەرىجىلىك يېنىك زەخمە» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار گXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار گXXنىڭ باشقىلارنىڭ تېنىنى زەخمىلەندۈرۈپ سالامەتلىكىگە قەستەن زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (يېنىك) جىنايىتى شەكىللىندۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نومۇرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论