شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2019)567 -نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ك**، ئەر، ئويغۇر ** ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمۇرى: 3017** 650106 ، ئالىي تېخنىكوم مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ماسسا، ئەسلىدە ** شەھەر ** ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى (2019 -يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن)، ھازىرقى كەسپى تىجارەتچى، نۇپۇس ئادرىسى ۋە ئولتۇرغى: ** شەھەر ** رايۇنى** كەنىت **-رايۇن **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
جاۋاپكار ك**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2019) 461-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدۇق:
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇقسۇ ناھىيە تاشېرىق بازار ئارا تۇگمەن كەنت 3-گۇرۇپتا ئۇلتۇرۇشلۇق ياسىن توختى، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم (نەشە) سېتىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىغا قامالغان.
1. جاۋابكار ك** ئۈرۈمچى تۈمۈريول ج خ ئىدارىسى جەنۇبى ۋوگزال ساقچىخانسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى توقسۇ ناھيە تاشېرىق يىزا ئارتۈگمەن كەنىتە ئولتۇرۇشلۇق ت** (ي**نىڭ ئايالى) جاۋابكار ك**گە تىلفۇن قىلىپ، يولدۇشۇم ي** ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم (نەشە) ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلۇپ قاماقخانىغا كىرىپ قالدى، قاماقخاندىن ئېلىپ چىقىشقا ياردەم قىلسىڭىز دىگەن، ئاندىن جاۋابكار ك**، ت**غا مەن سۈرۈشتۈرۇپ باقاي، سىز ھازىر ماڭا كىرا پۇلى ئۈچۈن 4مىڭ يۈەن پۇل سېلىپ بىرىڭ دىگەن ھەم ئۆزىنىڭ نامىدىكى يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىسنىڭ نۇمۇرى ** نى ئېيتىپ بەرگەن. ئاندىن ت** شۇ كۈنى تۇقسۇ ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارقىلىق، جاۋابكار ك**نىڭ بانكا كارتىسىغا 3000 يۈەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
2. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالدامچىلىق قىلىشنى پىلانلاپ، ت**غا تىلفۇن قىلىپ، يۇلدىشى ي**نى ئېلىپ چىققىلى بۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۇن يۇل مېڭىشقا 150 مىڭ يۇەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئاندىن ت** يۇلدىشى ي**نى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۇن پۇل بىرىشكە قۇشۇلۇپ، شۇ كۈنى جاۋابكار ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 50 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن ھەم قالغان پۇلنى تەييارلاپ قۇيىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
3. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ت**غا تىلىفۇن قىلىپ، يۇلدىشى ي**نى قاماقخاندىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن يۇل مېڭىشقا دىيىشكەن قالغان 100 مىڭ يۇەننى سېلىپ بىرىشنى، پۇلنى سېلىپ بەرمىسە بېجىرگىلى بۇلمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئاندىن ت** شۇ كۈنى ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 100 مىڭ يۈەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
4. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ت**غا يەنە تىلىفۇن قىلىپ، يۇلدىشى ي**نى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۇن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى، ئادۋۇكات ھەققى ۋە ئادۋۇكاتنى مېھمان قىلىش پۇلى بۇلۇپ 15 مىڭ يۇەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئاندىن ت** ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 4 قېتىمدا، تۇقسۇ ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارقىلىق ك**نىڭ يۇقاقى بانكا كارتىسىغا 15 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
5. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ت**غا يەنە تىلىفۇن قىلىپ يۇلدىشى ي**نى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۇن تەپتىش مەھكىمىسى ۋە سوت مەھكىمىسىدىكىلەرگە بىرىدىغانغا 10 مىڭ يۇەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئاندىن ت** شۇ كۈنى ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 10 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
6. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ت**غا يەنە تىلىفۇن قىلىپ يۇلدىشى ي**نى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۇن تەپتىش مەھكىمىسى ۋە سوت مەھكىمىسىدىكىلەرنى مېھمان قىلىدىغانغا 5 مىڭ يۇەن پۇل كىتىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئاندىن ت** شۇ كۈنى ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 5 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
7. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ت**غا يەنە تىلىفۇن قىلىپ يۇلدىشىڭىز ي**غا سوت ئېچىلىپ بۇلغان لىكىن ھۇكۇم چىقارمىدى، ئاقسۇغا بېرىپ قانداق ھۇكۇم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ باقاي كىرا پۇلى ئۈچۇن 2 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بىرىڭ دىگەن. ئاندىن ت** شۇ كۈنى ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 2 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
8. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ت**غا يەنە تىلىفۇن قىلىپ، يۇلدىشىڭىز ي**غا زەھەر (نەشە) سېتىش جىنايىتى بىلەن 2 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۇكۇم قىلىنىپتۇ، ئەگەر يۇل ماڭمىغان بۇلساق ئۇنىڭدىن جېق كىسىلىپ كىتەركەن، ئەمدى يەنە 30 مىڭ يۇەن پۇل خەجلىسەك ي**نىڭ جازاسىنى 6 ئاي كېمەيكىلى بۇلاتتى دىگەن. ئاندىن ت** يۇلدىشى ي**نىڭ جازاسىنى كېمەيتىش ئۈچۇن جاۋابكار ك**گە پۇل بىرىشكە قۇشۇلۇپ، تۇقسۇ ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارقىلىق ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 30 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
9. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى توختەم رۇزىغا يەنە تىلىفۇن قىلىپ، يۇلدىشىڭىز ي**نىڭ جازاسىنى 6 ئاي كېمەيتىش ئۈچۇن، ئۈرۇمچى تۇرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەستىقلىمىسا بۇلمايدىكەن، شۇلارغا يۇل مېڭىشقا 5 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بىرىڭ دىگەن، ئاندىن ت** شۇ كۈنى تۇقسۇ ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارقىلىق ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 5 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
10. جاۋابكار ك** 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ت**غا يەنە تىلىفۇن قىلىپ، يۇلدىشىڭىز ي**نىڭ جازاسىنى كېمەيتىش ئۈچۇن، تۇرمە ساقچىللىرى يۇلدىشىكىزنىڭ ئىپادىسى ياخشى دەپ ئىسپات چىقارمىسا بۇلمايدىكەن، تۇرمە ساقچىللىرىنى مېھمان قىلىش ئۈچۇن 4 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بىرىڭ دىگەن، ئاندىن ت** شۇ كۈنى تۇقسۇ ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئارقىلىق ك**نىڭ يۇقارقى بانكا كارتىسىغا 4 مىڭ يۇەن پۇل سېلىپ بەرگەن.
جاۋابكار ك**، ي**نى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ بىرىش، جازاسىنى كېمەيتىپ بىرىش نامىدا ت**نىڭ جەمئى 224 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۈزى خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، ك**نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى تۆلەپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، زىياللانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ك** ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ك**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، 30مىڭ يۇەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۇەندىن تۇۋەن شىتراپ جازاسى بېرىش تەكلىۋىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە : 1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە 2› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، 2 تۇپلام دېلو ئارخىپى، 2 دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论