欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(卡某某盗窃案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                          ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 200- نومۇرلۇق

باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ق**، ئەر، ئۇيغۇر، **20-يىلى **-ئاينىڭ  **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:  **********652926،** ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ياردەمچى ساقچى،ئىلىگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

 باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى (2020) 51-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ، دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ق** 2020-يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرلىرى زىيانلانغۇچى م** بىلەن ** ناھىيە ** بازىرى ياشانغانلار ساناتۇرىيىسىدە، دۈجۈرنى تۇرۇش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى م**نىڭ يان تىلفۇنىغا شەخسىلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇردىغان يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرۈپ بېرىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ يان تېلفۇنىدا زىيانلانغۇچى م**نىڭ نامىدا بىرتال ئالپاي چىقىمدانى (支付宝) ئېچىپ، بۇ چىقىمدانىغا زىيانلانغۇچى م**نىڭ يېزا ئامانەت-قەرىز كوپىراتپىنىڭ پۇل ئامانەت كارتىسىنى باغلېۋالغاندىن كىيىن، جاۋابكار ق** ئۆزىنىڭ يان تېلفۇندا ئېچۋالغان زىيانلانغۇچى م**نىڭ نامدىكى ئالپاي چىقىمدانى ئارقىلىق 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا كۆپ قېتمدا بۇ چىقمدانغا باغلانغان زىيانلانغۇچى م**نىڭ يېزا ئامانەت-قەرىز كوپىراتىپىنىڭ پۇل ئامانەت كارتىسىدىن ئىلگىرى–كىيىن بۇلۇپ 5026.00 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلۇقچە چىقىم قىلىپ ئىشلەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز،جاۋابكار ق**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇقجىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

  تەپتىش: ئىسراپىل ئىسكەندەر

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

پۈتۈكچى: تۇرسۇنگۈل مەمەت

ئىزاھات:

1) بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش     تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كىلىشىمنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش قارارنامىسى، ئۈچ دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە(تىلفۇن نۇمىرى: ********157)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top