博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕78号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) -نومۇرلۇق
جاۋابكار ق**، ئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:6527011984********، تولۇقسىز مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى**ساقچىخانىسى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **-دىۋىزىيە **-تۈەن **-لىيەن **-رايون **-نومۇر. جاۋابكار ق** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 08-كۈنى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى (2020) 55-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ق**نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
-2020يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 1 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار ق** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新E-***** ،نومۇرلۇق كىچىك ماشىنىنى ھەيدەپ، بورتالا شەھەر لىيەنتۇڭ يولىنى بويلاپ غەربتىن شەرققە قاراپ كېتىۋېتىپ، لىيەنتۇڭ يولىدىكى خۈيلى چاقچىلىقىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تار كوچىغا كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى بورتالا ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى چىقارغان ماددىې پاكت باھالاشنامىسىدە، جاۋابكار ق**نىڭ ۋىنا قېنىدىن بايقالغان ئىسپىرت تەركىبىنىڭ مىقدارى بولسا mg/100ml165.636 چىققان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ق**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پاكت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئابدۇزاھىر
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار ق** بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2)دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار تىزىملىكى، ج خ ئىككى توپلام، تەپتىش بىر توپلام، 2 دانە پىلاستىنكا بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论