شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن ت 1- بۆلۈم ئەيىپلەش[ 2020] 21-نومۇرلۇق
جاۋابكار نۇ**، ئەر، قازاق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلوماتلىق، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومىرى65412********0916، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ۋە دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق ئورنى نىلقا ناھىيە **يېزا ** كەنت **- كوچا **- نومۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى كېپىللىك ۋاقتى توشۇپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قايتا كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزىلىكى ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار نۇ**نى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارنىڭ قانونىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتتۇق، قانون بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۇرۇپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئىنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار نۇ** 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى 23 دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، مەسىت ھالەتتە 新F***** نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ، موتىسىكىلىتقا مى**نى ئىلىپ غۇلجا ناھىيە Y143- لىنىيىسىدە غەرىپتىن شەرىققە قارىتا ھەيدەپ 1 كېلومېتىر + 400 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرىپىدىكى س**، ئا**، ئە**قاتارلىقلار ئولتۇرغان نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سوقۇلۇپ، جاۋابكار نۇ**نىڭ يارلىنىشى، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدەك قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسسى ماددىي بويۇملارنى ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019] 2953- نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە، جاۋابكار نۇ**نىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى 220.15mg/100ml دەپ باھالاپ بىكىتكەن.
غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزىلىكى ئىدارىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسسى ئىتىراپنامىسىدە، جاۋابكار نۇ** بۇ قىتىملىق ھادىسسىنىڭ بارلىق مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، س**نىڭ مەسئولىيىتى يوق دەپ بىكىتكەن.
يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛
1. ئا** قاتارلىق گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
1. جاۋابكار نۇ** ئىقراسى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
1. زىيانلانغۇچى س**نىڭ بايانى؛
1. باھالاشنامە؛
1. نەق مەيدان خاتېرىسى ۋە سۈرەتلىرى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانونلۇق، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمونى ئوبىيىكتىپ راسىت، شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار نۇ**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى قىلمىش ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ھەم ئۆزى خالاپ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋاپكار نۇ** قاتناش باشقۇرۇش قانون-نېزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن ۋە قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغان، جاۋابكارنىڭ يوقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىرىنجى مەزمون بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راسىت، خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرلىشى كىرەك. جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جاۋاپكار نۇ**گە «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىرىنجى مەزمون، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددا بەلگۈلىمىسى بويىچە، 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 6000 يۈەن ئىشتىراف قويۇش جازاسى بېرىشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
ياردەمچى تەپتىش: مىرزىئەكرەم مىرزىجالال
ياردەمچى تەپتىش: نىجات ئادىل
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 29- كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلدى، ھازىر سىرىتتا؛
1. ئىككى توپلام دېلو ماتىرىيالى، 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، سوراق خاتېرىسى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论