ئۈرۈمچى شەھىرى مىدوڭ رايونلۇق
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش م د ت بىرىنچى بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]209-نومۇر
جاۋابكار نۇ**،ئەر،ئۇيغۇ1997-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 6501051997******** ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى يىنچۈەن يولى **-نومۇر **-بىنا**-ئىشىك **-ئۆي. خىزمەت ئورنى يوق،2020 -يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋاپكار نۇ** ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىدوڭ شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان،6-ئاينىڭ 22 -كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان . ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىدوڭ شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار نۇ**نىڭ ئالدامچىلىق دېلو ماتېرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق، جاۋابكارنى سوراق قىلىدۇق، دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقىپ سوت ئالدىدىكى دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ مۇقۇملاشتۇردوق،دېلو ئىشلەش مۇددىتىنى بىر قېتىم ئۇزارتتۇق، ھازىر دېلو تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، جىنايى پاكىتلارنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردۇق:
1. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى مىدۇڭ رايونى توڭخۇي نىمكەش ماشىنا بازىرى ئىچىدە،جاۋابكار نۇ** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا بىنتىيەن سيۈ ماشىنا بارلىقىنى، 110000(بىريۈز ئونمىڭ)يۈەنگە سېتىلىدىغانلىقى تۇغۇرلۇق يالغان ئۇچۇرنى،ماشىننىڭ رەسمىسى بىلەن بىرگە يوللاپ ئا**نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئا** ئۈندىداردا جاۋاپكارنۇ**قا ئونمىڭ يۈەن زاكالەت پۇلىنى يوللاپ بەرگەن، جاۋاپكار نۇ** پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى جاۋابكار نۇ** توردىن بەش پارچە بىنتىيەن سيۈ ماشىنىنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپ، توردىشى ئە**غا ماشىنىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى توغرىسىدىكى يالغان ئۇچۇرنى ماشىننىڭ رەسمى بىلەن بىرگە يوللىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئە** بۇ يالغان ئۇچۇرغا ئىشىنىپ جاۋاپكار نۇ**قا 5000 يۈەن زاكالەت پۇلىنى يوللاپ بەرگەن، نۇ** پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكار نۇ** توردىن بەش پارچە بىنتىيەن سيۈ ماشىنىنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپ، توردىشى ئەخمەتجان مەمتىمىنگە ماشىنىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى توغرىسىدا يالغان ئۇچۇرنى ماشىننىڭ رەسىمى بىلەن بىرگە يوللاپ زىيانلانغۇچى ئ**نىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ئ** جاۋاپكار نۇ**قا 1500 يۈەن زاكالەت پۇلنى يوللاپ بەرگەن،جاۋاپكار نۇ** پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى جاۋابكار نۇ** توردىن بەش پارچە ۋولكىسۋاگىن سانتانا ماشىنىنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈپ ئۆزىنىڭ توردىشى ئ**كە ئۈندىدار ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن ،ئ**،جاۋاپكارغا ئىشىنىپ 500 يۈەن پۇلنى جاۋاپكار نۇ**قا يوللاپ بەرگەن،جاۋاپكار نۇ** پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقىرىقى قىلمىشنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلار
1.ماددىي ئىسپات
1)بىر دانە vivo يانفون
2.يازما ئىسپات
1)دېلو قوبۇل قىلىش جەدۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارنامىسى، توختىتىپ قويۇش كېنىشكىسى، قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش قارارنامىسى
2)تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى
3)دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ نوپۇس ئۇچۇرى
4)زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ تۆلەم ئالغانلىق ئىسپاتى ، كەچۈرۈمنامىسى
5)جاۋابكار نۇ**نىڭ ئا**غا يېزىپ بەرگەن ھۆججىتى
6)زىيانلانغۇچىلارنىڭ جاۋابكارغا پۇل يۆتكەپ بەرگەنلىك ئىسپاتى
3.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**،ئ** ،ئە**،ئال** قاتارلىقلارنىڭ بايانى
4.جاۋابكار نۇ**نىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى
يۇقۇرقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق ،مەزمۇنى راست،بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكار نۇ** جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:جاۋابكار نۇ** قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ، توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ باشقىلارنىڭ 17000 (ئون يەتتە مىڭ)يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،قىممىتى بىر ئاز كۆپ، بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق ، خاراكتېرىنى بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكار نۇ** جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغاچقا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15 -مادىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ،شۇڭا مەھكىمىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسى 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلەرنىڭ جازالىشىغا ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش:جاپپار قۇربان
ياردەمچى تەپتىش:ئەلى ۋېلى
2020 يىلى 9 - ئاينىڭ 27 كۈنى
قوشۇمچە:
1.جاۋابكار نۇ** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا.
2.تەھقىقلەش دېلوسى2 توپلام بىلەن ئەيىبلەشنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى8پاچە، جازا ئۆلچەش تەكلىپى3پارچە، ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى3پارچە،جىنايىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش ئېتىراپنامىسى1پارچە، ئۈن – سىن دېسكىسى4دانە بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论