شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىبلەش چىقىش (2020)20-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار نۇx ، ئەر ، ئويغۇر ،1982-يىلى ** -ئاينىڭ ** -كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : ******** 6529231982، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى : ئاشپەز ، يۇرتى : شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى ،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسى : شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى ** يول شەرقىي **-نۇمۇر **-بىنا **- ئىشىك **- ئۆي. ئىلگىرى جازالانمىغان .
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14 -كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن ،2020-يىلى 04-ئاينىڭ 01-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگگە كېپىلگە بېرىلگەن ، ھازىر كېپىلدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 51 - نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار نۇ xنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 03 -ئاينىڭ 30 -كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى تىز كىسىم تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى ، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋاپكار نۇx ، 2019 -يىلى 12 -ئاينىڭ 04 -كۇنى كۇچا ناھىيە ** يۇلىدا ئاغىنىسى
بىلەن ھاراق ئىچىپ ، 2019 -يىلى 12 -ئاينىڭ 05 -كۇنى سائەت 07:00 لار ئەتراپىدا مەسىت ھالدا كۇچا ناھىيە جەنۇبىي** يۇلى ** ئاشخانسىنىڭ ئالدىغا توختىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新N****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىغا چىقىپ ئۇخلاپ ، 2019-يىلى 12 -ئاينىڭ 05-كۈنى سائەت 14:30 لەر ئەتىراپىدا مەسىت ھالدا ماشىنسىىنى ** يولىدا غەرىپتىن-شەرىق يۆنىلشتە ھەيدەپ ** تاللا بازارىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە چارلاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە ،نۇxنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى mg/100ml153 دەپ باھالاپ بېكىتكەن .
دىمەك ، جاۋابكار نۇ xنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاشنامە ، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر ، راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار نۇ xنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133 -ماددا 1-تارماق 2- تارماقچىسىنىڭ،67- ماددا 3- تارماقچىسنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قۇشۇمچە 3000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىپ،« جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: گۇزەلنۇر ئەخمەت
2020- يىلى 04-ئاينىڭ 08-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار نۇx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، تىز كىسىم قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论