博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2021〕35号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2021)35 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ن*، ئەر ، ئۇيغۇر، 1978-يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى :6527011978******** ، تولۇقسىز مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : بورتالا شەھەر * كەنتى*نۇمۇر، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن : بورتالا شەھەرلىك * ساقچىخانىسى.2018-يىلى 01-ئاينىڭ 11-كۈنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكتىن، بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇش، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالتە ئاي ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلگەن. 2021- يىلى 01- ئاينىڭ 20- كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن، 2021- يىلى 02- ئاينىڭ 02- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 02-ئاينىڭ 02-كۈنى (2021)38-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق، جاۋاپكار ن*نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پۈتۈن دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتى ئېنىقلاندى:
2021-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 01 دىن 57 مىنۇت ئەتراپىدا، جاۋاپكار ن* ھاراق ئىچىپ新E-***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، بورتالا شەھەر* يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ، * يولى ۋە * يولى كىسىشمە يول ئېغىزىنىڭ جەنۇپ 100مىتىر يول بۆلىكىگە كەلگەندە، خەلق ساقچىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن جاۋاپكار ن*نىڭ ۋىنا قېنىدىن ئىلىنغان قان ئەۋرىشكىسدىن ئىسپىرت مىقدارى بايقالغان، مىقدارى 156mg/100ml بولۇپ، مەست ھالەتكە تەۋە.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋاپكار ن*نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ - 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پاكت ئېنىق، دەلىل -ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2021-يىلى02-ئاينىڭ 11-كۈنى
قوشۇمچە :
1).جاۋابكار نۇ* بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论