شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2019) 586– نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ن **، ئەر، ئويغۇر، ** ياش (**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمۇرى: 4151 **652922 ، تۇلۇق كۇرۇس مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ** ۋىلايەتلىك ** ئىدارىسى ** شۆبە ئىدارىسى ** ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يىتەكچىسى (سابىق ** ۋىلايەتلىك ** ئىدارىسى ** ناھيىە ** بازار ** كەنىتتە تۇرۇشلۇق ئەل رايىنى بىلىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۈجىسى)، پارتىيە ئەزاسى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى ۋە ئۇلتۇرغى : ** شەھەر ** يۇلى **-نۇمۇر ** شەھەرچىسى **-بىنا **-ئۆي، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ قېچىپ كىتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
جاۋابكار ن**نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 28-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارغا جىنايەتنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكار ۋە ئۇنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلار ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ن** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا، توقسۇ ناھىيە ئىچېرىق بازار ئۇزۇن كوچا كەنىت 4-گوروپپىدىكى «ئالتۇن توي مەرىكە زالى»دا ت**، ق**، م**، گ** قاتارلىقلار بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپ بىرگە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 02:00 لەر ئەتراپىدا، ن** ئۆزىنىڭ «ئالتۇن توي مەرىكە زالى» ئالدىغا توختىتپ قويغان تاختا نۇمۇرى 新A3BB40 نۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، ت**، ق** قاتارلىقلار بىلەن م**نى توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازار بازارلىق ھۈكۈمەتتىكى ياتىقىغا ئاپىرىپ قۇيۇپ، ت**، ق** بىلەن بىللە قايتىپ كىلىش ئۈچۈن، ق**، م** بىلەن ت**نى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدىگەن 新N2V187 نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ شەھەر تاشقى ئايلانما يۇلىدا شەرىقتىن غەرىپ يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ، سۇرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ شەھەر تاشقى ئايلانما يۇلى 0-كىلومىتىر + 500 مىتىرلىق ئۇرۇنغا كەلگەندە پىيادە يولنىڭ ئوڭ چېتىدە يول يۈرگەن م**نى سۇقۇپ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغاندىن كىيىن ن** 新A3BB40 نۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. م** نەق مەيداندا قازا قىلغان. ن** ئۆزىنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغانلىقنى بىلگەندىن كىيىن ھادىسە سادىر قىلغان 新A3BB40 نۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك ئاپتوموبىلىنى يۇشۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن توقسۇ ناھيىە ئىچېرىق بازار ئىچېرىق كەنىتتە تۇرۇشلۇق ئابدۇراخمان يۈسۈپكە ماشىنىنى ئا**نىڭ ھويلىسىغا يۇشۇرۇپ قۇيۇشنى ئۇرۇنلاشتۇرغان، ئا** 新A3BB40 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ئۆزىنىڭ ئىچېرىق بازار ئىچېرىق كەنىت 3-گوروپپىدىكى ھويلىسىغا توختىتىپ قويغان، جاۋاپكار ن** قولغا چۈشكەندىن كىيىن ھادىسە سادىر قىلغان ماشىنا ئا**نىڭ ئىچېرىق بازار ئىچېرىق كەنىت 3-گوروپپىدىكى ھويلىسىدىن تېپىلىپ تۇتۇپ قېلىغان.
توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ 6529251910775-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسسى ئىتراپنامىسىدە، ن** قاتناش ھادىسىسىدە تۇلۇق مەسئۇلىيەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ مەسئۇلىيەت بېكىتكەن.
تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2019) 53-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرىنىڭ جەسەت تەكشۇرۇش باھالاشنامىسىدا: 1. جەسەت تەكشۇرۇش ئەھۋالىغا، نەق مەيدان تەكشۇرۇشتىكى ئۇنىۋىرسال ئانالىزغا ئاساسەن، ئولگۇچى م**نىڭ باش قىسمى زۇر بىسسىز سىرىتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە (سۇقۇلۇش كۈچى) باش قىسمى يۇمشاق تۇقۇلمىللىرى سۇقۇلۇپ زەخمىلەنگەن ھەم باش سۇڭىكى سۇنغان. 2. ئۈلۇش سەۋەبى: ئۇلگۇچى م**نىڭ باش قىسمى زۇر بىسسىز سىرىتقى كۇچنىڭ تەسىرىدە (سۇقۇلۇش كۈچى) باش سۇڭىكى سۇنغان، مىڭڭە زەخمىلىنىپ ئۆلگەن.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)3164-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسى بۇلۇپ: 1. نەق مەيداندا قېپقالغان ئاق رەڭلىك سۇلياۋ پارچىللىرى新A-3BB40 نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ئالدىدىكى بىخەتەرلىك لىمى ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كەمتۈك ئۇرۇن بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە؛ 2. 新A-3BB40 نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ھادىسە سادىر قىلغاندىكى سۈرئىتى 65 كىلومىتىر سائەت دەپ باھالىغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)615-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: 1. باھالاشقا ئەۋەتىلگەن新A-3BB40 نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ئوڭ تەرەپ پاتقاق توسقۇچىدا قېپ قالغان قان دېغى ئادەمنىڭ قان دېغى؛ 2. DNA تەكشۈرۈش نەتىنجىسىدىن قارىغاندا باھالاشقا ئەۋەتىلگەن新A-3BB40 نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ئوڭ تەرەپ پاتقاق توسقۇچىدا قېپ قالغان قان دېغى م**دىن قالغان دەپ باھالىغان.
ھادىسىدىن كىيىن ن** ئائىلىسىدىكىلەر زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ھەق-تەلەپ دەۋاسىدا كىلىشىپ تۈگەشكەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، ئۈن سىن بۇيۇملىرى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ جىنايەتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار ن**نىڭ قاتناش ھادىسى سادىر قىلىپ، نەق مەيداندىن قېچىپ كىتىپ ئۈلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، ھادىسىدە تۇلۇق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار ن**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسى بۇيچە جىنايەت بىكىتىپ، جاۋابكارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
2019-يىلى12-ئاينىڭ 27-كۈنى
قۇشۇمچە : 1› جاۋابكار تۇقسۇ ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا. 2› 3 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论