شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھەر
قاراماي رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ر ت ج ئەيىبلەش [2020] 25- نومۇرلۇق
جاۋابكار ******* ، ئەر ، ئۇيغۇر ، **19-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى *****650203198 ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتلىق ، كەسىپسىز، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى**** مەھەللىسى 34-بىنا 8-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق . 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇمانى بىلەن قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن . 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق تۇرۇپ ئاپتۇموبىل ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن ، قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر رايونى چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن 1500 يۈەن جەرىمانە قويۇش قارار قىلىنغان .
مەزكۇر دېلونى قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاراماي رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، پۈتۈن دېلو ماتىرىيالى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋابكار *******نى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ،شۇ كۈنى جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ ، جاۋابكارنىڭ نۆۋەتچى ئادۋۇكاتىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ، بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق . جاۋابكارمۇ مەزكۇر دىلونى ئاددىي تەرتىپ قوللۇنۇپ بىجىرىشكە قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار ******* 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 9:23 ئۆتكەندە ، ئاپتۇموبىل ھەيدەش پىراۋىسى يوق تۇرۇپ ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新J***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولىنى بويلاپ شەرىق يۆلىنىشتىن غەرىب يۆلىنىشكە قاراپ ھەيدەپ ، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى شەرقىي يول كىسىشمىسىگە كەلگەندە ، ئاپتۇموبىلنى كونتىرول قىلالماي ، شەرقى يولنىڭ غەربى شىمال تەرىپىدىكى سىگىنال چىرىقىغا سوقۇپ ، ئاپتۇموبىل ئىچىدىكى ئاكىسى **** ، ئاغىنىسى **** زەخمىلىنىشى ۋە ئاپتۇموبىلنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدەك قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان . قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر رايونى چوڭ ئەترىتى بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە قارىتا جاۋابكار *******نى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ تاشيول قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيەت ئېتىراپنامىسى چىقارغان . جاۋابكار *******نىڭ قان تەركىبىنى تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىمېتىردا 254.34 مېللىگرام ئىسپىرىت بارلىقى ئېنىقلىنىپ مەسىتلىك ئۆلچىمىگە توشقان .
قاتناش ھادىسىسىدىن كىيىن جاۋابكار ******* ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئىتىراپ قىلىپ ، زىيانلانغۇچى ***** داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن 10000 يۈەن تۆلەپ بەرگەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ماددىي ئىسپات ، يازما ئىسپات ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، نەق مەيدان تېلكامىرا كۆرىنىشى ، تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى ، قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارىنى باھالاش پىكرى، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ئۇچۇرىنى ۋە شوپۇرلار ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجە جەدۋىلى ،جاۋابكار ئىمزا قويغان جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . يۇقىرىقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنى تەرتىپكە ، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ، بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك . جاۋابكار *******مۇ بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتقا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكىرسىز بولۇش بىلەن بىللە ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ******* شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق تۇرۇپ ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان ، قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىدا بەلگىلەنگەن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق . قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇشقا تىگىشلىك . جاۋابكار *******نىڭ ھەر 100 مىللىمېتىر قېنىدا 254.34 مېللىگرام ئىسپىرىت بارلىقى ، شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق تۇرۇپ ئاپتۇموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغانلىقى ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشىلىقى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ بىر قىسىم داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئويلۇشۇپ ، جاۋابكار *******غا بەش ئاي 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ، قوشۇمچە 11000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىش مۇۋاپىق دەپ قارايمىز . شۇڭا جاۋابكار *******نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى
تەپتىش: پەرمانجان ئەمەت.
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
قوشۇمچە :
1.جاۋابكار ******* ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى : *****173990 .
2. بىر پارچە جىنايىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتى ، ج خ 2 توپلام 60 بەت ، ئايرىم ئىككى پارچە ئۈچ بەت دېلو ماتېرىيالى ، بىر دانە نۇر دېسكىسى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论