欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(再某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                  شايار ت ج ئە چىقىش (2020)XX-نومۇرلۇق

جاۋابكار زXX، ئايال، ئۇيغۇر، -19XXيىلى XX-ئاينىڭ -XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419XXXXXXXXXX ، ئالى تېخنىكوم  مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،شايار ناھيىلىكXX -ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى، شايار ناھىيە XX ئولتۇراق رايۇنى -XXبىنا-XX كورۇپۇس 202-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار زXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى  9-ئاينىڭ  5-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)689 -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار زXX -2019يىلى-12ئاينىڭ-7كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 لەر ئەتىراپىدا، خىزمەتدىشى ئا XX ئەXX، رXX قاتارلىقلار بىلەن «شايار ناھىيە XX XX بازار تائاملار شەھەرچىسى»دە‹‹ رېيھان›› ماركىلىق ھاراقنى ئىچىپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:30لەر ئەتىراپىدا ئۆيگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن سۇرۇندىن چىقىپ ، ئۆزى يالغۇز پىيادە شايار ناھىيەXX خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانغا كىلىپ، شۇ يەرگە توختىتىپ قويغان   新NLXX نۇمۇرلۇق ،ئاق رەڭلىك، بەش كىشلىك ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدىن چوڭ يولنىڭ چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە، قارشى تەرەپتىن  كىرۋاتقان新B8XXXنۇمۇرلۇق ئائىلە ماشىنىسىغا يىنىك دەرىجىدە سۈركىلىپ كەتكەن. ئاندىن XX خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار زXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 149 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار زXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار زXXXغا بىر ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ، قۇشۇمچە 3350 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسىنى 3 ئاي كىچىكتۈرۈپ سىناپ كۈرۈش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز .

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

XXXX

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (  97 بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار  ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top