欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(克某某盗窃案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 312-نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

  جاۋاپكار ق  XX، ئايال، ئۇيغۇر، 23ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011992XXXXXXXXتولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئاقسۇ شەھەر XX يىزا XX-كەنىت XX-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇماننى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كىپلگە بىرىلگەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ 25-كۈنى(2019) 1579-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋاپكار قەXX 2019-يىلى 07-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 11:00 لەر ئەتىراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەخسىتىدە زىيانلانغۇچى خۇXXىڭ ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX-كەنىت XX-گۇرۇپتىكى ئۆيىگە يول تەرەپتىكى ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن كىرىپ ،مېھمانخانا ئۆيىنىڭ كارۋات ئاستىدىكى سۇلياۋ خالتا بىلەن يۆگەپ قويغان 5365 يۈەن قىمىتىدىكى  بىر تال  15.78 گىراملىق ئالتۇن زەنجىرنى كۆرۈپ،ئالتۇن زەنجىرنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ،جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن ئوغۇل دوستى ئېXXئارقىلىق  ساقچىلارنىڭ ئوغرىنى ئىزدەۋاتقانلىقنى بىلىپ كەنىت ساقچىخانىسىغا بېرىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان . دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ق XXىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا ،67-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ق XXغا مۇدەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ 10ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا قوشۇمچە 2000يۈەن ئىشتىراف قويۇشقا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

 تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت

                              تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان

                   2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئىزاھات : 

1)​ جاۋابكار  ق XX ھازىر ئائىلسدە كىپلدە. تىلفۇن نۇمىرى:1874261XXXX 

     2) سەككىز نۇسخا ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top