شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 81-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار قە**، ئەر، ئويغۇر، **ياش،****-يىلى**- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1058********652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە، دېھقان، توقسۇ ناھىيىسىدىن، توقسۇ ناھىيە ** بازار ** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى12-ئاينىڭ 7-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار قە**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 39-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار قە** 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 19:00 ئۆتكەن ئەتراپتا توقسۇ ناھىيە ** بازار ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدىكى سۇغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئا** قاتارلىقلار بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن دۇكاندىن چىقىپ ، دۇكانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 4143新NN نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى مەس ھالەتتە پىراۋىسىز ھەيدەپ ، غەرىپتىن شەرىققە يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ ** يېزا** كەنىت **-گوروپ تەۋەسىگە كەلگەندە، ئوخشاش يۆلىنىشتە كىتىۋاتقان ر** ھەيدىگەن ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت بىلەن سۇقۇلۇپ قە** ۋە ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت ھەيدىگۈچى **لار يارلانغان . توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيدانىغا بېرىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، موتوسىكلىتنى ھەيدىگۈچى قە**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، قە**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 9100- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە: قە**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 174 مىللىگىرام ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان .
توقسۇ ناھىيلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ65292520120106- نۇمۇرلۇق ھادىسە ئىتراپنامىسىدا ؛ قە** تۇلۇق مەسئۇيەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ر**نىڭ ھىچقانداق مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار قە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار قە**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 10مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.4› دىلونىڭ ھەق – تەلەپ دەۋاسى تۈگىگەن .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论