欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(克某某危险驾驶案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                       پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 552-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: كې**، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:1915 ******65212219 ، پىچان ناھىيە ** يېزىسى ** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلوماتلىق دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان،خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى 01- ئاينىڭ 13- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار كې**نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە بىر قېتىملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبورىيەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

    مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى: 

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 19 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار كې** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، 新**71 نۇمۇرلۇق ‹‹**›› ماركىلىق يىنىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسى ھەيدەپ، شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ مېڭىپ، پىچان ناھىيە ** يولى **-نۇمۇرلۇق دىلو مەلوم قىلىش نۇقتىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئۇخشاش يۆنلىشتە كىتىۋاتقان ** ھەيدىگەن 新K**28 نۇمۇرلۇق ‹‹**›› ماركىلىق يىنىك تىپتىكى ماشىنىسى بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە ھادىسىدە ئادەم يارلانماي قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچراشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

شىنجاڭ خۇا تۇڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 0093- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا« كې**دىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدار«mg/100ml181.84»دەپ يەكۈن چىقارغان.

   يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى ؛3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنلېرى ؛  5. نەق مەيدان ئېنىقلاش ،تەكشۈرۈش خاتىرە ،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار كې**نىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ،تىز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىگە قۇشۇلىدۇ .

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار كې**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار كې** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن  يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار كې**غا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش، جىنايى جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار كې**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

    2020-يىلى8-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار كې** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە。

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،ئۈن-سىن دېسكىسى بىردانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top