欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某谋危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                      پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2021)2-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار: ئىXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نۇمۇرى4719 ******652122، پىچان ناھىيە XXبازىرى XX مەھەللە كۇمىتىتى  XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ،ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدىنيەت سەۋيسىگە ئىگە ،دېھقان ،ئىلگىرى جازالانمىغان ، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 03- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئىXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:  

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۇنى سائەت 11دىن 22مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار ئىXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، 新KH**** نۇمۇرلۇق ، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ئائىلە  ماشىنىسنى ھەيدەپ، جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ يول يۈرۈپ ، پىچان ناھىيە XX بازىرى XX يۇلى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ تۇتۇلغان. 

 شىنجاڭ خۇاتۇڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 5780-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئەدىليىلىك باھالاشنامىسنىڭ خۇلاسە قىسمىدا: جاۋاپكار ئىXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى «ml100mg/156.41»دەپ يەكۇن چىقارغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى؛  3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئىXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئىXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىرى 1-تارماق 2-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايى جازا بولسا؛ تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار ئىXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن  يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئىXXغا بىر ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار ئىXXنىڭ خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

2021- يىلى01- ئاينىڭ 08- كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار ئىXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ********181.

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا ،ئۈن -سىن دېسكىسى بىر دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top