شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 763-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئىXX، ئەر، 19XX-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 13 XXXXXXXX65292419، ئۇيغۇر، دېھقان، ساۋاتسىز، شايار ناھىيە XX يېزا XX كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. يېزا ئېگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئىXXنىڭ يېزا ئىگىلىك يىرىنى قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ش ج خ چىقىش (2016) 8-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ۋاقتى ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى. جاۋابكار قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئىXX 2012-يىلى 3-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان مەزگىلىدە شايار ناھىيە گەزقۇم يېزا قارادۆڭ كەنت تەۋەسىدىكى ئۆزىنىڭ توقايلىقى دائىرسىدىن يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىق ئورمان يېپىنچە-ئۈسۈملۈكلەرنى نابۇت قىلىپ 215.55 مو يەرنى قانۇنسىز ئاچقان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىق ئورمان يىرى 33.96 مو بۇلۇپ، دۆلەتكە 243391.32 يۈەن ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئىXXنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇن-نىزامىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان يىرىنى قانۇنسىز ئېچىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتقان قىلمىشىدىن يېزا ئىگىلىك يىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دۆلەت مال-مۈلۈكىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 342-ماددىسى، 67-ماددا 3-تارماق، 72-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار ئXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ئىمىن سېتىۋالدى جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا ئىXXغا مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ، جازاسىنى بىر يىل كىچىكتۈرۈپ سىناپ كۈرۈش، قۇشۇمچە 10000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بېرىش تەكلىبى بىلەن بىرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇكەرەم ئالاۋۇدۇن
دىلرابا مۇرات
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىبى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام 184 بەت) بىرگە يوللاندى. 2) جاۋابكار ئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论