ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 2-ب ج ئە﹝2020﹞22–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئى**، ئايال، ئۇيغۇر، 1991-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ كەلپىن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6529291991، ئالى تېخنىكۇم مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ **ناھىيىسى كەلپىن بازىرى **يولى **-نۇمۇر **ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇر، دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **يولى **-كوچا **-قەۋەت **-نۇمۇر. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئى**نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 27-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 18:34 لەر ئەتراپىدا، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى غ**جاۋابكار ئى**تىن بىر بولاق زەھەرلىك بويۇم ناتاشا سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈندىدار ئارقىلىق ئى**قا 200 يۈەن پۇل ئاغدۇرۇپ بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 19 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ئى** شەھىرىمىزنىڭ **رايۇنى ** بازار ئالدىدىكى ** بانكىسى ئالدىدا، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى غ**نىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە، ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان بىر بولاق سېرىق يىشىل رەڭلىك دانچىسىمان بويۇم(ناتاشا)نى غ**غا بەرگەندىن كىيىن، بۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
جاۋابكار ئى** غ**غا سېتىپ بەرگەن بىر بولاق سېرىق يېشىل رەڭلىك دانچىسىمان گۇمانلىق بويۇم(ناتاشا)نىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش، تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساپ ئېغىرلىقىنىڭ جەمئى 0.61 گىرام ئىكەنلىكى، تەركىبىدە 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات(باشقا ئىسمى:5F-ADB ) تەركىبىنىڭ بار ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئى**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىدار پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى قاتارلىقلار؛
2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى غ**، پ**، ت**دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار ئى**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنى ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛
5. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: تونۇتۇش سۆرەتلىرى، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن چۈشەنچە ئىسپاتى قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئى**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئى**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم(ناتاشا) ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن
2020–يىلى 8–ئاينىڭ 25–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ئى** ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
4. دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپات(جاۋابكار زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىشتا ئىشلەتكەن بىر دانە ئالما 7 ماركىلىق قارا رەڭلىك يانفون) دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论