شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش ج ئى ئە چىقىش (2020)565-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: ئىXX، ئەر،ئۇيغۇر ، **19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: X 001****** 65212219، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** شەرقى يۇلى **-نۇمۇر **-ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس ***-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ، ئۇتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ،مۇقىم كەسپى يوق ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 2يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ جىنايى جازاسى 3يىل كېچىكتۈرۈلگەن . بۇ قىتىم ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئىXXنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە بىر قېتىملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈم ئۇقتۇرۇشىنى ئۇقتۇردۇق ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانونى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق ، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىنىقلاپ چىقتى:
1. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان باھادا خىش ئەكەلدۈرۈپ بېرىشنى باھانە قىلىپ ،پىچان ناھىيە ** بازار ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەXXدىن ئىلگىرى -كىيىن بۇلۇپ 11500يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلۋىلىپ، خىشنى بەرمەي ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2018-يىلى 10-ئاينىڭ ئۇتتۇرلېرى مەلۇم بىر كۈنى (ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە **يېزا **** مەھەللە **-گۇرۇپپا ***-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئاXXغا ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى ئاXXدىن 3000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي، پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
3. 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، جاۋاپكار ئىXX،قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، ئەرزان باھادا تۇكسىكىلىت ئىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مەXXتىن 1500يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،توكسىكىلىتنى بەرمەي ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۇنى ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئۇسۇلدا قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە ** يېزا ** مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى گاXXغا ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى گاXXدىن 4350يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
5. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۇنى ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئۇسۇلدا قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى يۈXXغا ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى يۈXXدىن 4350يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
6. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۇنى ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئۇسۇلدا قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ۋاXXكە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى ۋاXXتىن 4350يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
7. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرلېرى مەلۇم بىر كۈنى (ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە ** ** يېزىسى ** يۇلى **-كۇچا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ساXXگە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى ساXXدىن 4350يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
8. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ھەXXغا ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى ھەXXدىن 8900يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن . (1000يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى).
9. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى خاXXكە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى خاXXتىن 2000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
10. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ باشلېرى مەلۇم بىر كۈنى (ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) ، جاۋاپكار ئىXX قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ،ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ھەXXقا ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن ،زىيانلانغۇچى ھەXXتىن 900يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ،ئۆينى ھەل قىلىپ بەرمەي، پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 3. زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى؛ 4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى ؛ 5. تونۇتۇش خاتىرە - سۈرەتلىرى؛ 6. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ئېلىنغان ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئىXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئىXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە،ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىش،ئەرزان خىش ۋە توكسىكىلىت سىتۋىلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن زىيانلانغۇچىلارنىڭ 45200 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار ئىXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
جاۋاپكار ئىXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ئابدىراخمان ئابدۇللا
2020- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى
ئىزاھات:
1.جاۋاپكار ئىXX ھازىر كېپىللىكتە،ئالاقىلىشىش تىلفۇنى: 60 ******166
2. دېلو ئارخىپى ج خ ئارخىپى 3 توپلام ،تەپتىش ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىپنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پلاستىنكىسى بىر دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
3. جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论