شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش -537 (2020) نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئىXX، ئەر، ئۇيغۇر، 2000-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX 65312920000 تولۇق ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئۇقۇغۇچى، شىنجاڭ پەيزىۋات ناھىيە يېڭى X يېزا X كەنتX-گۇرۇپ X-نومۇردا ئۇلتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020 –يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋاپكار ئىXXنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن-2020يىلى9-ئاينىڭ-14كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىغا دەۋا جەريانىدىكى ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دېلونى تېز سوتلاش تەرتىپىنى قولىنىشقا قوشۇلىدۇ.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە؛
جاۋاپكار ئىXX 2019-يىلى11-ئاينىڭ20-كۇنى سائەت 15:00 ئەتىراپىدا،پەيزىۋات ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا،تېلېغون ئويناپ ئولتۇرۇپ،زىيانلانغۇچى تۇXXنىڭ ئۇندىداردا،ئالما xs ماركىلىق تېلېغون سېتىۋالىدىغانلىقى توغرسىدىكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋاپكارئىXX زىيانلانغۇچى تۇXXنى ئالداش مەقسىتىدە، تۇ XXغا « سىز ئالماقچى بۇلغان ئالما xs ماركىلىق يان تىلغۇن مەندە بار، سىز ماڭا 3850يۈەن پۇلنى ئۇندىدار ئارقىلىق ئىتىپ بىرىڭ، مەن تىلغۇننى سىزگە سېلىپ بىرەي» دىگەندە، زىيانلانغۇچى تۇXX ماقۇل بۇلۇپ جاۋاپكار ئىXXنىڭ ئۇندىدار ھىساۋاتىغا 2850 يۈەن پۇلنى يۆتكەپ بەرگەن،ئارقىدىن جاۋاپكار ئىXX زىيانلانغۇچى تۇXXنى تىخىمۇ ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، بىر پارچە يالغان مال يەتكۈزۈش تالونىنى ماڭدۇرۇپ بەرگەن، زىيانلانغۇچى تۇXX يالغان تالوننى كۆرۈپ، قالغان 1000يۈەن پۇلنى ئۇزىنىڭ ھىساۋىدىن جاۋاپكار ئىXXنىڭ ھىسابىغا يۆتكەپ بەرگەن. جاۋابكار ئىXX زىيانلانغۇچى تۇXXنىڭ 3850يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلۋىلىپ، زىيانلانغۇچى تۇXXنى ئۈندىدارىدىن يۇيىۋەتكەن.دىلوپاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئىXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلۋالغان قىلمشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ266-ماددا بەلگىلىمسىگە خىلاپ بولۇپ،قىلمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايى شەكىللىندۇ،
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست.
جاۋاپكار ئىXX جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ،شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بولىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئىXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كېرەمجان ئۆمەر
پۈتۈكچى: تاھىرجان تۇنياز
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
قوشۇمچە: 8 (1) نۇسقا ئەيىبنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3نۇسقاجازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، بىرنۇسقا«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى، قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋاپكارھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论