欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某盗窃案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

                                          ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)  633-نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار شX ، ئايال ، ئويغۇر ، 1996-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : ********6529231996 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان ،شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايى : كۇچا ناھىيە ** بازار * كەنىت *-گوروپپا ***- نۇمۇرلۇق قورو ، ، ئىلگىرى جازالانمىغان .  

ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 04-ئاينىڭ 13-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 138-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار شXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، 2020-يىلى05-ئاينىڭ 20-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى ئۇزارتتۇق ، 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق ،كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-ئاينىڭ 06-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى ،يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋاپكار شX 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 14:00 دىن ئاشقاندا ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىگە كىلىپ ، گXنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويغان كۈلرەڭ چاقماق سومكا ئىچىنى ئاقتۇرۇپ ، سومكا ئىچىدىكى زىبۇ زىننەت سالىدىغان قاپچۇقنى ئالغاندىن كىيىن ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتىگەن سائەت 12:00 ئەتىراپىدا جاۋاپكار شX ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىققان 42.80 گىرام 12626 يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن-زىبۇ زىننەت بۇيۇملىنى سېتىپ نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ، كۇچا ناھىيە * سودا بازىرى ئالدىدىكى*ئالتۇن-زىبۇ زىنەت بۇيۇملىرى دۇكىنىغا ئەكىرىپ 42.80 گىرام ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيىمىنى جەمئىي 11063 يۈەنگە سېتىۋەتكەن ، پۇلنى ئالغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قەرىزلىرىنى قايتۇرۇش ۋە ئۆزى خەجلەش ئۈچۈن ئىشلىتىپ، 5500 يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا سېلىپ ساقلىغان ، دىلو بېجىرىش جەريانىدا جاۋاپكار شXدىن 5500 يۈەن نەق پۇل قانۇن بۇيىچە تۇتۇپ قېلىنىپ زىيانلانغۇچى گXقا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ، دىلو تەھقىقلەش جەريانىدا جاۋاپكار شX زىيانلانغۇچىنىڭ زىيننى تۇلۇق تۆلەپ بەرگەن ، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن . 

دىمەك ، جاۋابكار شXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات ، يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاش يەكۈنى ، تەكشۈرۈش ئېنىقلاش خاتىرسى ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار شXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: گۈزەلنۇر ئەخمەت 

                           2020-يىلى 06-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار شX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .       

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top