欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某的盗窃罪案件)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-23 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕636号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ          ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) xx–نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئىxx (باشقا ئىسمى ئىxx)، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆي، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسىxx بازىرى xx ئاھاللار xx-گۇرۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئىxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئxx 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19:10 ئەتراپىدا ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى شxx(ئايال، خەنزۇ، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان) نىڭ xx بازىرى كۆكچى x-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نومۇرلۇق تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئىشىك قۇلپىسىنىڭ قاغا تۇمشۇقىنى جوتۇڭ بىلەن قايرىپ بۇزۇپ ئېچىپ، ئۆي ئىچىگە ئوغىرىلىققا كىرىپ، زىيانلانغۇچى شىxx ياتاق ئۆيدىكى كارۋات ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان سومكا ئىچىدىن 1000 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئىxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئىxxىنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار ئىلگىرى قەستەن جىنايەت سادىر قىلىپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تەكرار جىنايەت جىنايەت سادىر قىلغان تەكرار جىنايەتچى. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇپ ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، زىياننىڭ ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، زىيانلىق ئاقىۋىتى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش ۋە قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: گۈلجامال ئابدۇقادىر

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىسلىدە. تىلفۇن xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا، 3 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top