欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

  كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                          ك ش ت ج ئەيىپلەش(2020)  763-نۇمۇرلۇق

     جاۋاپكار ئىXX ،ئەر ، ئۇيغۇر، 1980-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، يۇرتى: شىنجاڭ كورلا شەھرى ،كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6528011980 ، كەسپى: دېھقان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شنجاڭ كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر، سىياسىي قىياپىتى: ئامما، جىنايەت گۇماندارى ئىXX خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 18-كۇنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلدى. 

    كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئىXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، -2019يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

   جاۋاپكار ئىXX 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 23 دىن 48مىنۇتلار ئەتىراپىدا،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新MYXXXXنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، كورلا شەھىرى كورلا-پۇخۇي يولىدا جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ مېڭىپ، 220Xلىنىيە 5كىلومېتىر 971مىتىرلىق يول بۆلىگىگە كەلگەندە، ئۆزى بىلەن ئوخاش يۈنۈلۈشتە كىتىۋاتقان پىيادە يول يۈرگۈچى مXX بىلەن ھىXXنى سوققان، نەتىجىدە مXX بىلەن ھXXنىڭ يارلىنىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان، قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغاندىن كىيىن ئىXX نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتى ساقچىللىرى ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەش گۇمانى بولغان ئىXXدىن كورلا شەھەرلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئەدلىيەلىك باھالاشقا ھاۋالە قىلغان.

   شىنجاڭ خۇا تۇڭ ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)5608-نۇمۇرلۇق ئەدىلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدا جىنايەت گۇماندارى ئىXXنىڭ قېنىدا ھەر 100مىللىلىتىردا 167.3مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىققان.

2019يىل 09-ئاينىڭ 13-كۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى (2019)908126-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ، ئىXX مۇشۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.جاۋاپكار ئىXX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى زەخمىلەنگۈچى مXX ۋە ھXX بىلەن كېلىشىپ، زەخمىلەنگۈچىلەرنىڭ زەخمىلىنىش چىقىمى ئۈچۈن 4200يۈەن تۆلىگەن.

   جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، زەخمىلەنگۈچىلەرنىڭ بايانى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، باھالاش يەكۈنى ۋە جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

   يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئىXXئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئىXXنىڭ قاتناش-ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -176ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ئىXXنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

             ھۆرمەت بىلەن :

                             كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە        

                                   تەپتىش :يۈسۈپجان مەمەت

 2020 -يىلى 9-ئاينىڭ14-كۈنى

ئەسكەرتىش : (1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، 10نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .  

(2)جاۋاپكار ھازىر سىرتتا بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top