欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某危险驾驶案)_博乐市人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕52号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب  ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 52-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ئى** ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 2001-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نومۇرى: 6527222001********،  ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** بازار ** كەنىت، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: جىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ** ساقچىخانا، 2020-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنى خەتەرلىك ماشىنا ھەيدەش گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن ، 2020- يىلى4- ئاينىڭ1- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .

   مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى3-ئاينىڭ31-كۈنى (2020)41- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئى** ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

      2020-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 08:30لەر ئەتراپىدا ، ئى**ھاراق ئىچىپ، 维稳BL*** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر چىندىل بازار گۈلۈمتى 1-كەنىتدە شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ 200مىتىرلىق يول بۆلىكىگە  كەلگەندە يول بويىغا چۈشۈپ كېتىپ يول بويىدىكى دەرەخنى سوقۇپ ۋەقە چىقىرىپ، يول بويىدىكى دەرەخ ۋە ماشىنىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،  بورتالا ئوبلاسىتلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپات باھالاش نامىسىدا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن  ئى**نىڭ ۋىنا قىنىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى mg/100ml104.633 بولۇپ، مەسىت ھالەتكە تەۋە .

   يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ئى**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر   

2020-يىلى4-ئاينىڭ 7-كۈنى 

قوشۇمچە :

1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top