欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-25 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕306号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                     ئو ت ئەيىبلەش (2020)   -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ئىXX، ئەر، ئۇيغۇر،XX 19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى:XXXXXXXXXX 65292219 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە، ئىشچى، XX ناھىيە XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. جىنايەت گۇماندارى ئىXX خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئىXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئىXX 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 04 دىن 30 مىنۇت ئەتىراپىدا، پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە 新N31XXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىلنى ھەيدەپ، XX ناھىيە XX ماي قاچىلاش پونكىتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا، ئاپتۇموبىلنى باشقۇرالماي يول بويىدىكى تاشقا سوقۇپ يول قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئونسۇ بازارلىق ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ئىXXنىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml193.31 چىققان. ھادىسىدە جاۋابكار ئىXXغا بارلىق جاۋابكارلىق بېكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئىXXنىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىنى شەكىللەندۈردۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

جاۋاپكار ئىXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. يۇقارقى ئەھۋاللاغا بىرلەشتۈرۈپ جاۋاپكار ئىXXغا 3 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، قۇشۇمچە 7000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش تەكلىپى بىرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار ئىXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                      تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                                       پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                                 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر نۇسخا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار ئXX ھازىرئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top