欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(依某某危险驾驶案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى 

               

        پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020)   688  -نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋاپكار :ئى **، ئەر، ئۇيغۇر، 19**- يىلى -08ئاينىڭ  01- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 3231****65212219، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان**، 20-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 4 ئاي كىچىكتۈرۈلگەن، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ،  2020- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.

     پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئى **نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ  27- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

      مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

   2020- يىلى 2- ئاينىڭ 4- كۇنى سائەت 16دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋاپكار ئى ** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە پىراۋىسىز ھالدا 2**新K8نۇمۇرلۇق <<چاڭئەن>> ماركىلىق كىچىك تىپتىكى يولوچىلار ماشىنىنى ھەيدەپ غەرىپتىن شەرىققە قاراپ مىڭىپ، پىچان ناھىيە ** بازار ** ئىدارىسى ئالدىدىكى تۆت كوچا يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.

شىنجاڭ “خېڭ جېڭ” ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)** -  نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا : ئى **دىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml  158.4  دەپ يەكۈن چىقارغان.

  يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4.  باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى  قاتارلىقلار بار.

      يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئى **نىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئى ** دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1-تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. 

جاۋاپكار ئى ** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئى **غا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بىرىپ، » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2020يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ جاۋاپكار ئى ** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: ***1356559

2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top