乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕492号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 492–نومۇرلوق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئىXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1988-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XX6529271988، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئۇچتۇرپان بازىرى XX كۇچىسى XX-نومۇر XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئالى تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
جاۋابكار ئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى -XXئاينىڭ -XXكۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XX6529271990 ،ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئۇچتۇرپان بازىرى XXيۇلىXX-كۇچا XX-تاركۇچا XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئىXX، ئېXXنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى دىلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى ۋە جىنايىتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلدۇق، دىلو بىجىرىش سۈرۈكى بىر قېتىم ئۇزارتىلدى، دىلودا تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە تىگىشلىك تەرەپلەر بار دەپ قاراپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان، دىلو ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى قايتا ئەيىپلەشكە يوللانغان.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئىXX دورا سېتىش ئىجازەتنامىسى يوق ئەھۋالدا، پايدا ئېلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۈندىداردا تۇنۇشۇپ قالغان توردىكى ئىسمى يXX (XX) ئۈندىدار نۇمۇرى XXXX، (XX) ئۈندىدار نۇمۇرى XXبولغان ئادەمدىن ئۈندىدار ئارقىلىق 50 قېتىم ئەتراپىدا 162290.00 يۈەنلىك复方地芬诺酯片)) دىفىن نوجىپىيەننى دىگەن دارىنى سېتىۋېلىپ بىر قىسىمىنى ئۈزى يەپ دورا خۇمارىنى باسقان، قالغىنى جاۋابكار ئىXX ۋە يXX ( ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىغان)، ئەXX، ئەXX، غXXقاتارلىقلارغا 170440.00 يۈەنگە سېتىپ 13100.00 يۈەن پايدا ئالغان.
جاۋابكار ئېXX دورا سېتىش ئىجازەتنامىسى يوق ئەھۋالدا، پايدا ئېلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا جاۋابكار ئىXXدىن 40يۈەندىن 80يۈەنگىچە باھادا 76100 يۈەنگە (复方地芬诺酯片) دىفىن نوجىپىيەننى دىگەن دورىنى سېتىۋېلىپ بىر قىسىمىنى ئۈزى يەپ دورا خۇمارىنى باسقان، قالغىنىنى سXX، پXX، خXX، تXX، ئاXX، مXX، ئاXX، گXX، ئىXX، ئىXX،دXX......قاتارلىقلارغا ھەر قۇتىسىنى 100يۈەندىن 150 يۈەنگىچە باھادا 92587.00 يۈەنگە سېتىپ 13390.00 يۈەن پايدا ئالغان.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش، تۇنۇتۇش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئسىپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكار ئىXX، ئېXXلەر مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئى، XXئېXXلەرنىڭ دورار سېتىش ئىجازەتنامىسى يوق تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دورار باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ مۇرەككەپ رىستىپلىق دورىلارنى ئېلىپ ساتقان قىلمىشىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارلارغا جىنايى جازا ئۆلىچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا جاۋابكارلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
باش تەپتىش: ئەمەر تۇردى
تەپتىش: ئابلەت تۇنياز
2020 -يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
ئىزاھات: (1) 16نۇسقا ئەيىبنامە، ئۈچ توپلام تەھىققلەش ئارخىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسىدىن بىر نۇسخا، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن ئىككى نۇسخا، ئاددى تەرتىپ تەكلىپنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
(2) تۇتۇپ قېلىنغان ماددى بۇيۇم( دورا) ، دىلو سادىر قىلىشتا ئىشلەتكەن ئىككى دانە تىلىفۇن دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
(3) جاۋابكارلار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论