欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(伊某某涉嫌盗窃案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)405-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

   جاۋابكار ئى**،  ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2212*******652923،  مۇقىم كەسپى يوق ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ك**شەھىرىدىن ، ك** شەھىرى ئۈ**يېزا قا**كەنىت **-گۇرۇپ**-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، 2018-يىلى 04-ئاينىڭ 13-كۈنى چاقىلىق ناھىيلىك  خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن تۆت ئاي ئون بەش كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ،  قوشۇمچە 9000يۈەن ئىشتىراپ قويۇش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن .  2020-يىلى 05-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .

 جاۋابكار ئې**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2021) 30–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:

 جاۋاپكار ئې** 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازىرى جۇڭتىيەن مېھمانخانىسىدىن ياتاق ئاچقۇزۇپ 8320-نۇمۇرلۇق ياتاققا ياتقان . 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:00 لەر ئەتراپىدا ، جاۋاپكار ئى**ئوغۇرلۇق قىلىشنى پىلانلاپ ، 8320-نۇمۇرلۇق ياتاقنىڭ دېرىزىسىغا يامىشىپ چىقىپ ، دېرىزە سىرتىدىكى دېرىزە تەكچىسى بىلەن يامىشىپ مېڭىپ، 8321-نۇمۇرلۇق ياتاقنىڭ دېرىزىسى ئالدىغا كىلىپ ، دېرىزىدىن 8321-نۇمۇرلۇق ياتاقتا باشقىلارنىڭ ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ، دېرىزىدىن ئارتىلىپ 8321-نۇمۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ت**نىڭ 2600يۈەن قىممىتىدىكى خۇاۋېي (华为 NOVA6 8+128G) ماركىلىق قول تېلفۇنىنى ، ر**نىڭ 800يۈەن قىممىتىدىكى OPPO A11X(8+128G)ماركىلىق قول تېلفۇنىنى ۋە قول تېلفۇننىڭ قېپىغا سېلىپ قويغان 200يۈەن نەق پۇل ، ت**نامىدىكى كىملىكنى ، ئا**نىڭ 400يۈەن قىممىتىدىكى VIVO Y3(4+64G) ماركىلىق قول تېلفۇنى بولۇپ جەمئى 4000 يۈەن قىممىتىدىكى ئۈچ دانە تېلفۇن ، نەق پۇل ، كىملىك قاتارلىق بۇيۇملارنى ئوغۇرلاپ يەنە شۇ ياتاقنىڭ دېرىزىسى ئارقىلىق 8320-نۇمۇرلۇق ياتاققا قايتىپ كىلىپ ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىققان ئۈچ دانە تېلفۇننى ئىتىۋېتىپ ، ياتاقنىڭ جوزىنىڭ تارىتمىسىغا سېلىپ قويۇپ يېتىپ ئۇخلىغان ، شۇ كۈنى سائەت 2:00لەر ئەتراپىدا ، جاۋاپكار ئې** ئورنىدىن تۇرۇپ ئوغۇرلاپ چىققان ئۈچ دانە تېلفۇننى ئېلىپ ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار بەنچاۋ ئولتۇراق رايۇنى 1-رايۇن9 –بىنا14-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئى** بىلەن  تېلفۇندا كۆرشۈپ ، ئى**نىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، ئى**بىلەن كۆرشۈپ، ئۇنىڭغا جۇڭتىيەن مېھمانخانىسىدىكى ياتاقتىن ئۈچ دانە تېلفۇن ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ ، سېتىۋالدىغان ئادەم ئۇقۇشۇپ بېرىشنى ئېيىتقان . ئاندىن ئى**نىڭ تۇنۇشتۇرىشى ئارقىلىق ئى**نىڭ ئۆيىدە ، جاۋاپكار ئى**  ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىققان  خۇاۋېي (华为 NOVA6 8+128G) ماركىلىق قول تېلفۇننى توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار بىڭخۇ ئولتۇراق رايۇنى Bرايۇن 81-بىنا 1-كورپۇس 304-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئىلھام باراتنىڭ ئاچىسى ت**غا 1000يۈەنگە ساتقان . بىر دانە OPPO A11X(8+128G) ماركىلىق قول تېلفۇن بىلەن بىر دانە VIVO Y3(4+64G) ماركىلىق قول تېلفۇننى توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق بازار توما كەنىت 4-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئى**نىڭ ئاچىسى م**قا 800يۈەنگە ساتقان . مىھرىگۈل ساۋۇت VIVO Y3(4+64G) ماركىلىق قول تېلفۇننى توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازار توپاق ئېرىق كەنىت 2-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئا**گە 600يۈەنگە سېتىۋەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن . 

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن – سىن ماتىريالى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ .

مەھكىممىز، جاۋابكار ئې**نىڭ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار  ئې**گە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددا ، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا 4 ئايلىق تۇتۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قۇشۇمچە 1000 يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : مۇنىرە ئېلى 

تەپتىش : ئەمەر قادىر

                 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى . 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە 

 پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top