欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(伊某某涉嫌滥伐林木案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)245-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:  

جاۋابكار ئى**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2514*******652925، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان ، ت** ناھىيىسىدىن، ت** ناھىيە ئۇ** يېزا ئو**كەنت **- گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى دەل – دەرەخلەرنى كەلسە- كەلمەس كىسىش جىنايىتى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن . 

 جاۋابكار ئى**نىڭ دەل- دەرەخلەرنى كەلسە- كەلمەس كىسىش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 121–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋاپكار  ئى** 2019- يىلى 11-ئاينىڭ 25- كۈنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئورمان كىسىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرمەي تۇرۇپ ، توقسۇ ناھىيە ئۇچقات يېزا ئويئېرىق كەنت 3- گوروپنىڭ ئايىقىدىكى يۇلتۇز باغ بازىرى توپاقئېرىق كەنىتنىڭ كۈزلەك يىرىگە جايلاشقان  تىرىلغۇ يىرىدىكى ئورمان بەلبىغىدىن  114 تۈپ ئورماننى ناتۇنۇش بىر خەنزۇ يولداشنىڭ توپا قىزىش ماشىنىسى (ۋاتۇجى)ئارقىلىق يىلتىزى بىلەن تومۇرغان .

شىنجاڭ جىن گۇەندا يېزا ئىگلىك پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ (2020)0407- نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە :  دىلودىكى قومۇرۋېتىلگەن دەرەخ تىرەك ئورمان بۇلۇپ ، 114 تۈپ ئورماننىڭ ئۇمۇمى زاپىسى 19.2077 كۇپ مىتىر، ئورمان بەلبىغىنىڭ خارەكتىرى ئېتىز- ئېرىق مۇداپىيە ئورمان بەلبىغى دەپ بېكىتىلگەن . 

 يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن- سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار. 

مەھكىممىز، جاۋابكار ئى**نىڭ قىلمىشىدىن دەل – دەرەخلەرنى كەلسە- كەلمەس كىسىش  جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ئى**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 345-ماددا 2- تارماق ، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى ، قۇشۇمچە 1000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : مۇنىرە ئېلى 

تەپتىش : ئەمەر ئەمەت

                 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى

قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر توقسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى،8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە  پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top