乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕651号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 651-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئى x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، xبازىرى xxيول x-كوچىدا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى ئاشپەز، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن تۆت ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۈكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئى xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تېز سوتلاش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار ئى x 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە xبازىرىدىكى xبازاردا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، دوستى ئىxxنىڭ xxپونكىتىدىكى ياتىقىغا بېرىپ ئارام ئالغان، ئەتىسى سەھەر سائەت 4:00 ئەتىراپىدا جاۋابكار ئى x دوستى ئىxنىڭ xxپونكىتىنىڭ ھويلىسغا توختىتىپ قويۇلغانxxنومۇرلۇق ماشىنىسىنى پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ھەيدەپ، xبازىرى xx ئالدىغا كەلگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، ئى xنىڭ ھەر 100 مىللىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 259.14 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئى xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكارغا بەش ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە،تېلفۇن نۇمۇرى x.
(3) جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论