شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 597-نومۇرلۇق
جاۋابكار ياXX، ئەر،XX19-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:18XXXXXXXX65292419، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، دېھقان، ماسسا، شايار ناھىيە XX XXكەنت 1-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق. يېزا ئېگىلىك يېرىنى قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. كېپىلگە بېرىلگەن مەزگىلدە خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋىپسزلىكىگە خەۋىپ يەتكۈزۈش جىنايىتى، مىللى ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى، توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش جىنايىتى بىلەن 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 25 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ھازىر XX شەھىرى XX تۈرمىسىدە جىنايى جازا ئۆتەۋاتىدۇ.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ياXXنىڭ يېزا ئىگىلىك يىرىنى قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ش ج خ چىقىش (2017)216-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ۋاقتى ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى. جاۋابكار قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ياXX 2011-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە، شايار ناھىيە XX كەنت تەۋەسىدىكى ئۆزىنىڭ ۋە ئىXXنىڭ توقايلىقى دائىرسىدىن يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىق ئورمان يېپىنچا ئۈسۈملۈكلەرنى نابۇت قىلىپ 1966.68 مو كۆلەمدىكى يەرنى قانۇنسىز ئېچىپ پايدىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىق ئورمان يىرى 402.72 مو بۇلۇپ، دۆلەتكە 2684934.24 يۈەن ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ياXXنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇن-نىزامىلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئورمان يىرىنى قانۇنسىز ئېچىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراتقان قىلمىشىدىن يېزا ئىگىلىك يىرىنى قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار جىنايىتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، مەزكۇر جىنايەت ئالدىنقى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن بايقالغان چۈشۈپ قالغان جىنايەت. دۆلەتنىڭ يەر بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش تۈزۈمىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 342-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق، 70-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جاۋابكار ياXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇكەرەم ئالاۋۇدۇن
دىلرابا مۇرات
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىبى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام 261 بەت) بىرگە يوللاندى. 2) جاۋابكار ئالار شەھەرلىك شىنفۇچېڭ تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتىدۇ.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论