欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(亚某某危险驾驶罪一案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 24-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ي **، ئەر، ئويغۇر، **ياش، **-يىلى **- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2614 **652926 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. توقسۇ ناھىيىسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** ناھىيە ** يېزا ** كەنىت **-گۇرۇپ. ھازىرقى ئولتۇرغى: ** ناھىيە** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ي **نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 58-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋابكار ي** 2019-يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 02:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە شىمالىي سانائەت رايۇنى تېمىتىپ سۇغىرىش تاسما زاۋۇتىنىڭ ياتىقىدا خىزمەتدىشى يا** بىلەن ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 04:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا تاماكا ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن زاۋۇتنىڭ ھويلىسىدىكى 新N9D857 نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا يا**نى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ توقسۇ ناھىيە يۈجىياڭ مېھمانخانىسىنىڭ يېنىدىكى دۇكانغا بېرىپ دۇكان تاقاقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن شىمالىي سانائەت رايۇندىكى تېمىتىپ سۇغىرىش تاسما زاۋۇتىغا قايتىپ ماڭغاندا، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 9415- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ي**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 167 مىللىگىرام» دىيىلگەن.

يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ي**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 4مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت

تەپتىش: مۇنىرە ئېلى

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top