شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
(2020) ك ش ت ج ئەيىبلەش 23–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار مxx، ئەر، 1986- يىلىxx – ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6528011986xxxxxxxx، ئۇيغۇر، ساۋاتسىز، مۇقىم كەسپى يوق ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: كورلا شەھىرى چارباغ يېزا xx كەنتىxx-نۇمۇر، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىسى xx كەنتىxx- گۇرۇپ xx –كوچا xx-نۇمۇر، 2010-يىلى7 – ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قۇيۇلغان . مەھكىمىمىز 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە قولغا ئېلشىنى تەستىقلىغان . شۇ كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجىرا قىلغان . ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مxxنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى9- ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق ، ھەمدە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنى يەتكۈزۈپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەم پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دىلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى7-ئاينىڭ12-كۈنى سەھەر سائەت02:00لەر ئەتىراپىدا ، جاۋاپكار مxx ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئەتىراپنى ئايلىنىپ كورلا شەھىرى چارباغ يېزىسى xx كەنتى xx- گۇرۇپ شىمالىيxx-كوچا xx- نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ دېرىزىسنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى ، ئۆينىڭ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ يالغۇز ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، كارۋاتنىڭ ئۈستىدىكى بىر دانە قىزىل رەڭلىك ئايالچە سومكىنى ئوغۇرلاش ئۈچۈن ، شۇ ئەتىراپتىن بىر دانە دەرەخ شېخنى تېپىپ كىلىپ ،دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى سىم تورنى يىرتىپ ،دەرەخ شېخنى دېرىزىدىن كىرگۈزۈپ زىيانلانغۇچى شxxنىڭ سومكىنى دەرەخ شېخى بىلەن ئىلىپ ئېلىپ ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن قېچىپ كىتىپ ، سومكىنى ئاختۇرۇپ سومكىنىڭ ئىچىدىكى 18500(ئون سەككىز مىڭ بەش يۈز)يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ ، سومكىنى تەپسىلىي ئاختۇرمايلا شۇ ئەتىراپتىكى بىر ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە تاشلىۋېتىپ قېچىپ كەتكەن .پۇلنى قەرىز قايتۇرۇپ ، كۆپ قىسمىنى خەجلەپ تۈگەتكەن . دىلو پاش قىلىنغاندىن كىيىن جاۋاپكار مxxنىڭ باشلىشى بىلەن كورلا شەھىرى چارباغ يېزىسى xx كەنتىxx- گۇرۇپ شىمالىيxx-كوچىدىكى سومكىنى تاشلىۋەتكەن ئورۇندىكى ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىن دىلوغا چېتىشلىق بولغان بىر دانە قىزىل رەڭلىك سومكا ۋە سومكىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ دانە ئالتۇن بىلەيزۇك ، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا ، بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك ، بىر دانە ئالتۇن زەنجىر ، بىر دانە ئالتۇن بولوپكا ، بىر دانە ئارلاشما بولوپكا ،ئىككى دانە مىتالدىن ياسالغان جۇڭخۋا مىنگو تەڭگىسى، ئىككى تال خوتەن قاشتېشى ، ئىككى تال ئاچقۇچ، نۇپۇس دەپتىرى، كىملىك، تۇغۇلۇش ئىسپاتى، بانكا كارتىسى، كۆزەينەك قاتارلىق بۇيۇملار يىغىپ كىلىنگەن .
كورلا شەھەرلىك باھادا گۇۋاھلىق بىرىش مەركىزىنىڭ (2019) 214-نۇمۇرلۇق باھانى بېكىتىش يەكۈنىدە : (1)بىر دانە 9.9953 گىرام ئالتۇن بىلەيزۇكنىڭ باھاسى 3598يۈەن . (2)بىر دانە 10.196 گىرام ئالتۇن بىلەيزۇكنىڭ باھاسى 3671يۈەن . (3) بىر دانە 10.0013 گىرام ئالتۇن بىلەيزۇكنىڭ باھاسى 3600يۈەن . (4) بىر جۈپ 2.9730 گىرام ئالتۇن ھالقانىڭ باھاسى 1070يۈەن . (5) بىر تال 7.6778 گىرام ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ باھاسى 2764يۈەن . (6) بىر تال 5.9261گىرام ئالتۇن زەنجىرنىڭ باھاسى 2133 يۈەن . (7) بىر دانە 2.7508 گىرام ئالتۇن بولوپكىنىڭ باھاسى 990يۈەن . (8) بىر دانە 5.0149گىرام ئارلاشما بولاپكىنىڭ باھاسى 48يۈەن . (9) بىر دانە 14.8632گىرام ئاق قاشتېشىنىڭ(خوتەن قاشتېشى) باھاسى 500يۈەن . (10) بىر دانە 44.7851 گىرام ئاق قاشتېشىنىڭ(خوتەن قاشتېشى) باھاسى 5000يۈەن . (11) بىر دانە قىزىل shceuedz ماركىلىق ئايالچە سومكىنىڭ باھاسى 40يۈەن . (12) بىر دانە 1.6665 گىرام ئالماس ئۈزۈكنىڭ باھاسى 1500يۈەن دەپ بېكىتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 12165 ( ئون ئىككى مىڭ بىر يۈز ئاتمىش بەش )يۈەن نەق پۇل ۋە 24914يۈەن قىممىتىدىكى بۇيۇملار زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان .
ئوغۇرلۇق سوممىسى : 43414 (قىرىق ئۈچ مىڭ تۆت يۈز ئون تۆت )يۈەن .
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋالىغى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ، باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، جىنايى پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار مxx ، پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مxx قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، يوشۇرۇن ۋاستىسىلەرنى قوللۇنۇپ، باشقىلارنىڭ 43414 يۇەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان، ئوغۇرلۇق سوممىسى كۆپ ، قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار مxxنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس
2020-يىلى 1- ئاينىڭ 10-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا.
(2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئۈچ توپلام ،ئون نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论