欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某赌博案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                              پىچان تەپتىش ج ئى ئە چىقىش (2020) 573-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار: مەXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0513******  65212219 ،  باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ، دېھقان، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن پىچان ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 2يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ ،جىنايى جازاسى 3يىل كېچىكتۈرۈلگەن .قىمارخانا ئېچىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان ،2020-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىممىزنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارىغا ئاساسەن قۇيۇپ بېرىلىپ ،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن . 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن . 

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار مەXXنىڭ قىمارخانا ئېچىش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە ئىككى قېتىملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقوق- مەجبورىيەتلىرىنى،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق ، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق، دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى بىر قېتىم 15كۈن ئۇزارتتۇق.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:  

1. 2004-يىلى (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مەXX  قانۇنسىز پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرپىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ئاھاللىسى سىXX(ئۈلۈپ كەتكەن )، مەمXX، رېXX، پىچان ناھىيە **ئولتۇرۇشلۇق پۇXX، قاتارلىقلارنى يىغىپ  قىمار سۇرۇنى تەشكىللىگەن ھەم قىمار ئۇينىغۇچىلارغا 4 مىڭ يۈەن قىمار دەسمايىسى تارقىتىپ قىمار ئويناتقۇزۇپ ،قىمار سورىنىدىن  7 مىڭ يۈەن چۇتار ئالغان. 

2. 2005-يىلى (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس)، جاۋاپكار مەXX قانۇنسىز پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرپپىدىكى ئۆيىدە، پىچان ناھىيە** بازىرى ئاھاللىسى رXX، تۇرپان شەھەر ئاھاللىسى قاXXقاتارلىقلارنى يىغىپ قىمار تەشكىللىگەن ھەم قىمار ئۇينىغۇچىلارغا 9 مىڭ يۈەن قىمار دەسمايىسى تارقىتىپ قىمار ئويناتقۇزۇپ، قىمار سورىنىدىن 7500 يۈەن چۇتار ئالغان. 

3. 2005-يىلى (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) ،جاۋاپكار  مەXX قانۇنسىز پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرپىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە قىمار سورۇنى تەشكىللەپ، قىمار ئۇينىغۇچى پىچان ناھىيە ** بازىرى ئاھاللىسى موXX ،ھەXX(ئۈلۈپ كەتكەن)،يۈXX ،مۆXX قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ جەززە قىلىپ قىمار ئوينىغۇچى موXXنى 18000يۈەن قىمار قەرزىگە بۇغقان . 

4. 2007-يىلى(كونكىرىت ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ،جاۋاپكار مەXX  قانۇنسىز پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە **بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ئاھاللىسى سىXX، يۇXX، مەXX (ئۈلۈپ كەتكەن)، ئىXX(ئۈلۈپ كەتكەن)  مۇXX قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ ،يۇقارقىلارغا 3 مىڭ يۈەن قىمار دەسمايىسى تارقىتىپ،قىمار سورىنىدىن  7مىڭ يۈەن چۇتار ئالغان .

5. 2012-يىلى كۈز پەسلىدە(كونكىرىت ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ،  جاۋاپكار مەXX  قانۇنسىز پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى **مەھەللە **-گۇرپىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ئاھاللىسى ئاXX، يۈXX، تۇرپان شەھەر ئاھاللىسى ئىXX، بەXX قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ دىڭ-دىڭ شەكىلدە قىمار سورۇنى قىلغان . 

6. 2014-يىلى 5-ئايدا (كونكىرىت ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ،جاۋاپكار مەXX قانۇنسىز پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى **بازىرىدىكى **-نۇمۇرلۇق ماجاڭخانىدا، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت ئاھاللىسى بۇXX،** بازىرى** كەنىت ئاھاللىسى سۇXX، ئاXX قاتارلىقلارنى يىغىپ دىڭ-دىڭ شەكىلدە قىمار سۇرۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ ،سورۇندا جەززە قىلىپ ئاXXنى  1.6تۈمەن قىمار قەرزىگە بۇغقان . 

7. 2015-يىلى 11-ئايدا (كونكىرىت ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ، جاۋاپكار مەXX قانۇنسىز پايدا ئىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** ** بازىرىدىكى **-نۇمۇرلۇق ماجاڭخانىدا ،پىچان ناھىيە** بازىرى **كەنىت ئەزاسى يۈXX، ** بازىرى **كەنىت ئاھاللىسى ئاXX،**بازىرى **كەنىت ئاھاللىسى پەXX قاتارلىقلارنى يىغىپ قىمار سۇرۇنى ئۇيۇشتۇرغان ھەم قىمار ئۇينىغۇچىلارغا 10000 يۈەن قىمار دەسمايىسى تارقىتىپ،قىمار سورىنىدىن 3000يۈەن چۇتار ئالغان، جاۋاپكار مەXX داۋاملىق قىمار ئويناپ قىمار دەسمايىسى ۋە چۇتار ئالغان پۇللارنى ئۇتتۇرۋەتكەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى؛ 3.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛  4. نەق مەيدان تونۇتۇش، ئادەم تونۇتۇش خاتىرە- سۈرەتلىرى؛5.كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىرىياللىرى قاتارلىقلار بار. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار مەXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتىگە باشقىچە پىكرى يوق، ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار مەXXنىڭ قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، قىمار سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇپ،كۆپ ئادەمنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ ،قىمار دەسمايىسى تارقىتىپ ، قىمار سورۇنىدىن جەمئىي24500يۈەن چوتۇر ئالغان قىلمىشى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 303-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن قىمارۋازلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ،دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. قىمارۋازلىق جىنايىتىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار مەXX مۇخمۇ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . مەھكىمىمىز جاۋاپكار مەXXنىڭ قىمارۋازلىق جىنايىتىگە قارىتا  1يىل6ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە   شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ .

جاۋاپكار مەXXنىڭ مۇخمۇ قىمارۋازلىق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

                       تەپتىش: ئابدىراخمان ئابدۇللا

               2020 - يىلى9- ئاينىڭ 21- كۈنى

ئىزاھات:    

 1. جاۋاپكار مەXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.تىلفۇن نۇمۇرى :

2. ج خ دىلو ئارخىپى 8 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 16نۇسخا ،ئۈن –سىن پىلاستىنكىسى 5دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تۆۋىنامىسى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top