ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)76–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6532231996، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ مەلۇماتلىق، **-دىۋىزىيە ** تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: **-دىۋىزىيە ** ئىشلەپچىقىرىش رايونى **مەيدانى **-ئەترەت **-گۇرۇپپا **-نومۇر. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايونى **كوچىسى **-نومۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر. بۇ قېتىم زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىززەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مە**نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 4–ئاينىڭ 27-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بىر قېتىم 15كۇن ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مە** 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچ سائەت 22:00 لەردە **شەھىرى **رايونى **يولى **كوچا ** خوگو خانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پىيادىلەر يولىدا، باشقىلارغا بىر كىچىك بولاق زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشانى 150يۇەنگە سىتىپ بەرگەن نەق مەيداندا ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەر ئۆلچەش مەركىزىنىڭ [2020]029-نومۇرلۇق زەھەرلىك بويۇملارنى باھالاشنامىسىدا جاۋابكار مە** ساتقان بىر بولاق زەھەرلىك-چېكىملىكنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 0.691گىرام، يېشىل رەڭلىك دانچە بىر بولاق ماددىنىڭ تەركىبىدە ADB-FUBINACA (ناتاشا) بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى **شەھىرى **رايونى **يولى** كوچا ** خوگو خانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پىيادىلەر يولىداباشقىلارغا زەھەر ساتقان نەق مەيدانداقارلىغاچلىق يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1 . يازما ئىسپات: جاۋابكار مە**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئاب**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار مە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مە**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ -ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 6–ئاينىڭ 3-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار مە** ھازىر ئۇرۇمچى شەھەرلىك 1-قامقخانىدا قاماقتا؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论