تۇرپان شەھىرى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت 1-ب ئە (2020) 58- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار م، XXئەر، ****، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى 65210119******351X، نوپوسىدىكى ئادرىسى: تۇرپان شەھىرى **** رايۇنى **** يولى **** كىچىك رايۇنى ****-بىنا ****-ئىشىك ****-نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىشسىز، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى **** رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 8ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تەكرار جىنايەتچى. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىدىقۇت رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئىدىقۇت رايۇنلۇق قاماقخانىدا قاماقتا.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مXXنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
2019-يىلى 12-ئايدا، جاۋاپكار مXX ،**** رايۇن ****بازار **** كەنىت 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مXX بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا، مXXنىڭ ھاراق ئىچىپ **** رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ساقچىخانىسىغا تۇتۇلۇپ قېلىپ، پىراۋىسىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، مXXنىڭ پىراۋىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشنى باھانە قىلىپ 18000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن :
1.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛2.زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى ۋە بايانى؛3.تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى4.ئۈندىداردىكى پۇل ئاغدۇرۇش ئىسپاتى، 5. يازما ئىسپات قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار مXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ قىممىتى كۆپرەك بولغان پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى›› 266-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ؛ پاكىتلىرى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. دىلودىكى زىيانلانغۇچىنىڭ زىيانلىرى ئەسلىگە كەلمىگەن، تەكرار جىنايەتچى،جاۋاپكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى›› 266-ماددىسىنىڭ، 65-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك، جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : پاتىگۈل خالىق
2020- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى
قوشۇمچە:
1. جاۋابكار مXXقاماقتا .
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىپى ئىككى توپلام، تەپتىش ئارخىپى بىر توپلام، ئەيىبنامىسى 16 نۇسخا، بىر دانە دېسكا قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论