欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某盗窃案)_博乐市人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕199号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 199 -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار م** ، ئەر، ئۇيغۇر ،46 ياش، كىملىك نومۇرى:6527011974******** ، ساۋاتسىز، ئاشپەز، تۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر چىندىل بازىرى** كەنىت **-گۇرۇپپا**-نۇمۇر، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى **ساقچىخانىسى. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن 15كۈن مەمۇرىي جازا بېرىلگەن،2017-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن بورتالا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن 1يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. 2020-يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئوغۇرلۇق  قىلمىشى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 11- ئاينىڭ11-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن داۋاملىق كىپىللىككە بېرىلگەن، ھازىر سىرتتا.

مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (2020) 163-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار م**نى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

1. 2020- يىلى07-ئاينىڭ18-كۈنى سائەت02لەر ئەتىراپىدا، جاۋاپكار م** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، بورتالا شەھەر دوستلۇق يولىدىكى يادى  توكسىكلىت سېتىش دۇككاننىڭ ئالدىغا بېرىپ، دۇكان ئالدىدىكى دەرەخ ئاستىغا توختۇتۇپ قويۇلغان بىر دانە يادى ماركىلىق، ئىككى چاقلىق، قىزىل قارا رەڭ ئارلاش كەلگەن توكسىكلىتنى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان. (زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى)

2. 2019- يىلى06- ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 15لەر ئەتىراپىدا، جاۋاپكار م** بورتالا شەھەر لىيەنتۇڭ يولىدىكى يېڭى ئەسىر سودا بازىرى ئىچىدىكى لۈجىۋو سەي-كۆكتات سىتىش دۇككىنىغا كىرىپ، دۇككان خوجايىنى تىيەن زۇ **نىڭ دىققەت قىلمىغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،  دۇكان ئىچىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان بىر دانە OPPO A53 ماركىلىق كۈلىرەڭ سېزىمچان ئېكىرانلىق تېلفۇننى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان.(زىيان ئىگىسىگە قايىتمىغان)

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، باھالاش يەكۈنى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار م**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە ئوغۇرلۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ 1400يۈەن قىممىتىدىكى قانۇنلۇق مال- مۆلىكىگە دەخلى تەرۈز يەتكۈزگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسى ۋە 65- ماددىسىغا ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى

قوشۇمچە :

 1) جاۋاپكار كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرتتا.

1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top