温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕282号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) 289-نومۇرلۇق
جاۋابكار مە XX، ئەر، ئۇيغۇر،XX 20 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى : XXXXXXXXXX65292220 ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، XXناھىيە XXبازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرشلۇق، ئىلىگرى جازالانمغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايتىگە چېتشلىق دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋابكار مە XXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىغا داۋا جەريانىدىكى ھوقۇق مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، دېلونى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە؛
1. جاۋابكار مە XX 2017-يىلى 8-ئايدا ( كونكىرىتنى ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ) ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە، XXناھىيە XXبازار XX كەنىت XX-مەھەللىدىكى قوشنىسى زىيانلانغۇچى مەXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا تەرپىدىكى ئۇچۇق يەردىن ھويلىغا كىرىپ، ھويلىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۆينى ئاختۇرۇپ، زىيانلانغۇچى مەXX ياتاق ئۆينىڭ كارۋات ئۈستىدىكى ياستۇقنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ قويغان 1000يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. جاۋابكار مە XX 2017-يىلى 11-ئايدا ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە XXناھىيە XXبازار XX كەنىت XX-مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى ساXXنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق ئۆيىگە كىرىپ، دۇكان ئىچىگە قۇيۇپ قويغان 600 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. جاۋابكار مە XX 2018-يىلى 5-ئايدا ( كونكىرىتنى ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، XXناھىيە XXبازار XX كەنىت XX-مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى قۇXXنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىدىن پايدىلنىپ ھويلىسىغا كىرىپ، ئاندىن ئۆينىڭ سول تەرپىدىكى رامنى ئىتتىرىپ ئېچىپ، رام ئارقىلىق ئۆي ئىچىگە كىرىپ، ئىلگىرى زىيانلانغۇچى قۇXX ياتاق ئۆي ئىچىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى سولىيو خالتىغا سېلىپ قۇيۇپ قويغان 3000يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. جاۋابكار مە XX 2018-يىلى 9-ئايدا( كونكىرىتنى ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، XXناھىيە XXبازار XX كەنىت XX-مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى قۇXXنىڭ(يولدىشى ئاXX) ئۆيىنىڭ ئارقا تەرپىدىكى باغ ئارقىلىق ھويلىغا كىرىپ، ھويلىنىڭ غەرىپ تەرپىگە جايلاشقان ئىشىكى ئۇچۇق ياتاق ئۆيگە كىرىپ، زىيانلانغۇچى قوXX ياڭاق سېتىپ تاپقان، ياتاق ئۆيدىكى كىيىم –كىچەك سالىدىغان يىشىكنىڭ ئىچىدىكى كىيىم–كىچەكنىڭ ئارىسىغا قۇيۇپ قويغان 24200يۈەن پۇلدىن 5000يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن .
5. جاۋابكار مە XX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا(كونكىرىتىنى ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، XXناھىيە XXبازار XX كەنىت XX- مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى ياXXنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، قوروسىنىڭ يان تەرەپتىكى تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا كىرىپ، ئۆينىڭ ئۇچۇق ئىشىكىدىن ئۆينىڭ ئىچگە كىرىپ، ئىشىكنىڭ ئۇدۇلدىكى مېھمانخانا ئۆيدىكى تام ئىشكاپنى ئاختۇرۇپ، ئىشكاپنىڭ ئىچىگە يىغىپ قويغان يوتقاننىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويغان 20000يۈەن پۇلدىن 5000يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
6. جاۋابكار مە XX 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00ئەتراپىدا قىلىش مئوغۇرلۇق ەقسىتىدە XXناھىيە XXبازار XX كەنىت XX-مەھەللىگە كىلىپ، شۇ مەھەللىدىكى ئۆيلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق، زىيانلانغۇچى باXXنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يان تەرەپتىكى تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا كىرىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى تارتىپ ئېچىپ، مىھمانخانا ئۆيىنىڭ ئىچىدىكى كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇپ، ئىشكاپ ئىچىدىكى ئېسىپ قويغان ئاق-كۆك رەڭ ئارلاش چاقماق پەلتونىڭ تاش يانچۇقىدىن 3600يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، ئوغرىلىغان بۇ پۇلدىن 2100 يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن، قالغان 1500 يۈەننى تۇتۇلغاندا ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىلارنىڭ 18200 يۈەن زىينى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مە XXنىڭ قانۇنسىز ئىگىلۋېلىش مەقسىتىدە كۆپ قېتىمدا باشقىلارنىڭ ئۆيىدىن 18200 يۈەن پۇلنى يۇشۇرۇن ئېلۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. ئوغرىلىق جىنايەتلىرىنى جازالاپ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مە XXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە يىنىكلىتىپ جازا بىرىشكە بولىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار مە XXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مۆيدىن ئىبراھىم
پۈتۈكچى: ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخنامىسى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئونسۇ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论