欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某某涉嫌盗窃一案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

 

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 

ئەيىبلەشنامىسى

                        ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )  93-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار م XX، ئەر ،1983 - يىلى XX -ئاينىڭ XX -كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك  نومۇرى: XXXXXXXX 6528231983 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ كورلا شەھەر XX بازىرى XX كەنىت XX -قۇرۇ. تۇتىلىشتىن بۇرۇنقى  تۇرۇشلۇق ئورنى : كورلا شەھەر XX بازىرى XX كەنىت XX -قۇرۇ. ئىلگىرى جازالانغان، جاۋابكار م XX 2019 -يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، مەھكىمىمىز  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئىلىشنى تەستىقلىغان. كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەتىسى قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغان. ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقىلىق.  

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار مXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ جازانى ئىتراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى ئاددىي تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 11:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار م XX كورلا شەھەر XX دىھقانچىلىق مەيدانىغا ئىش ئىزدەپ بىرىپ، XX دىھقانچىلىق مەيدانى XX -ئەترەتكە كەلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى ساۋ XXنىڭ ھويلىسىدا بىر دانە ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت توختۇتۇقلۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقستىدە، ھويلىغا كىرىپ ، توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ قىچىپ، كورلا شەھەر XX يىزا XX كەنىتكە ئاپىرىپ ، ئە XXغا 700 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، زاڭ مال يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان. كورلا شەھەرلىك مال باھا گۇۋاھلىق مەركىزى (2019) 243-نۇمۇرۇلۇق باھالاش يەكۈنىدە، بىردانە AP3473 نۇمۇرلۇق ، ئەيما ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى باھاسىنى 2795 يۈەن دەپ باھالىغان.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ بايانى، نەق مەيدان سۆرئىتى ۋە خەرىتىسى، باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مەخمۇت ئابلەت ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار مXX قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاستىسى قوللىنىپ ، بىر قىتىمدا باشقىلارنىڭ 2795 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بۇلوپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،  شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار م XXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن : 

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                     تەپتىش : پەزىلەت مۇھەممىدىن 

                                                 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 

ئەسكەرتىش :  

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، ئون نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .  

(2) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

(3) جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىش تىل خىتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top