乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕40号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپنامە (2021) 40-نۇمۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مەxxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xxx 65292719 ، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار مە-2020 xxيىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 0:300 ئەتراپىدا xx يېزا -xكەنىت-x مەھەللىدىكى تۇxxنىڭ دۇكىنىدا مۇxx قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ چىقىپ، پىيادە ئۆزنىڭ شۇ مەھەللىدىكى ئۆيىگە بېرىپ، 新Nxxنۇمۇرلۇق ماشنسىنى مەست ھالەتتە ھەيدەپ ھاراق ئىچكەن دۇكانغا بېرىپ، مۇxxنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۇنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغان، ئۇنىڭدىن كىيىن ماشىنسىنى xx يېزا x-كەنت x-مەھەللە يول بۆلىكىدە جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ ھەيدەپ كېتىۋېتىپ يولدا پىيادە مېڭىۋاتقان ئۆxxنى سۇقىۋەتكەن.
ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، مەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 216.70 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن.
زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش پىكرىدە، زەخمىلەنگۈچى ئەxxنىڭ زىخمىسى 1-دەرىجىلىك يىنىك زەخمە دەپ باھالىغان.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، نەق مەيدان ئېنىقلاش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلىپ بىر ئادەمنىڭ يىنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. جاۋابكارنىڭ قېنىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان ئىسپىرىت مىقدارى، بىر ئادەمنىڭ يىنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تولۇق تۆلەپ بەرگەنلىكى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق تەرەپكە ئاساسەن جاۋابكارغا تۆت ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قوشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قويۇشقا ھۈكۈم قىلىش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
تەپتىش : ئېزىز مەمەت
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، تېلىفۇن نومۇرى xxx139.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论