شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلاشنامسى
چ ت ج ئەيىپلەش (2020) 185- نومۇرلۇق
جاۋاپكار مە****، ئەر، ئۇيغۇر،**-19 يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرۇى: **********65282519،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋېيىسىگە ئىگە،دېھقان،ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھىيسى ، كېپىلگە بىرىشتىن ئىلگىرى چەرچەن ناھىيە *** يېزا *** كەنتى** -گۇرۇپپا**- نومۇرلۇق قورو ، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۇنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.
جاۋاپكار مە***نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسنى چەرچەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020–يىلى 11–ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچى جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ھەمدە دىجورنى ئادۇكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ، پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار مە*** مەزكۇر دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار مە***نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.
جاۋاپكار مە*** 2020-يىلى04-ئاينىڭ20-كۈنى سائەت19:42لار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ ****MN新-نۇمۇرلۇق ئىككى چاقىلىق موتوسىكىلىتنى مىنىپ ،چەرچەن ناھىيە592-مەخسۇس لىنىيىسى 17كىلومىتىرغا100 مىتىر قوشۇلغان يول بۆلىكىدە يول يۇرۇپ،چەرچەن ناھىيە *** يېزىلىق شىپاخاننىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يول بولىكتە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان،چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنكى بايقىلىپ، نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2020] 1664- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە:« جاۋاپكار مە***نىڭ ھەر 100مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە142مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار »دەپ باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .
يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :
دېلودىكى‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان نەرسە تىزىملىكى،چەرچەن ناھىىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2020]1664- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى،جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:
جاۋاپكار مە***نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1- تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق ،شۇڭا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار مە***قا بىر يېرىم ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ، جازاسىنى 2 ئاي كېچىكتۇرۇش، قوشۇمچە 3000 يۇەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ،تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
تەپتىش: قەمبەرنىسا ئەمەت
يادەمچى تەپتىش: رۇزى پولات
2020- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى
ئىزاھات :
1› جاۋاپكار مە*** ئائىلىسىدە كېپىلدە،2› دېلو ئارخىۋى بىر توپلام ،3› ئەيىپلاشنامە8 نۇسقا، دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى بىر نۇسقا . 4› جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى دېلو بىلەن قۇشۇپ ئوتكۇزۇپ بىرىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论