شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 89-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، **-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 2012 **652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان ، ** ناھىيسىدىن، ** ناھىيە ** يېزا ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2019- يىلى12- ئاينىڭ 20-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بىرىلگەن .
جاۋاپكار م**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) 54-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋاپكار م** 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 18:30لەر ئەتراپىدا، نەۋرە ئاكىسى ھۈسەن ياقۇ، ياسىن ئەمەت قاتارلىقلار بىلەن بىرگە، توقسۇ ناھىيە تامتوغراق يېزىسىدىكى دۇكاندا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 新NC7C63 نۇمۇرلۇق كىچىك ماشىنىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، تامتوغراق يېزا خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ غەرىبىدىكى يولدا شەرىقتىن غەرىپكە يۆلىنىشتە كىتۋاتقاندا، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار مەمەت ساتتارنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، مەمەت ساتتارنى تامتوغراق يېزىلىق شىپاخانىغا ئېلىپ بېرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان. شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 6431-نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدا: مەمەت ساتتارنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 211مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە، ئۈن- سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار م**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 4 ئايلىق تۇرۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 8000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى4-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، ئۈچ دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论