温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕615号
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] 615-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار مەXX، ئەر، ئۇيغۇر،XX19 -يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXXXX65292219 ، ساۋاتسىز، دېھقان، XXناھىيە XXيېزا XX كەنىت XX-نۇمۇر نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار مەXX چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 17–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تىز ھۆكۈم چىقىرىش تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە:
جاۋابكار مەXX 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 18:28 مىنۇتلار ئەتراپىدا، مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز ھالدا، ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ھەيدەپ، XXناھىيە XXبازىرى XX-كەنىت 1-مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇنسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلق جاۋابكار مەXXنىڭ قان تەركىبدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 185.79MG/100ML چىققان.
يۇقارقى پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۈزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مەXXنىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار مەXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: ئېزىز ئابلەت
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكار مەXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论