欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(买某危险驾驶罪认罪认罚)(公开版)_阿克陶县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

阿克陶县人民检察院 

起 诉 书

阿克陶县检刑检刑诉〔2020〕119号 

  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش

 مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى

                              ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020]    -نومۇرلۇق 

   جاۋابكار مە**، ئەر، قىرغىز، 1975-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،  كىملىك نومۇرى: 6530221975********، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان( قۇشۇمچە ئامانلىق ساقلىغۇچى) يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيە ** يىزا ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نومۇر، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.

   جاۋابكار مە** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن. جاۋبكار ھازىر ئائىسىلدە كىپلىدە.

ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى جاۋاپكار مە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، «جىنايتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تۈزىمى» نىڭ قانۇننى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق. بارلىق دېلو ماتىريالى، دېلونىڭ دەلىل ئسپاتى ۋە پاكتىنى كۆرۈپ چىقىپ، جاۋابكار مە** بىلەن «جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش» تىلختىنى ئىمزالاپ، جاۋابكارنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن مەزكۇر دىلوغا تىز ھۆكۈم چىقىرىش تەرتۋىنى قوللاندۇق.

تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 01:25 لەردە جاۋابكار مە** مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچكەندىن كىيىن مەس ھالەتتە، ئۆزىنىڭ 新P·85848 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى كۈمۈش رەڭلىك، جىلى ماركىلىق ئائىلە ئاپتۇمبلىنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە ** چەكلىك شىركىتى ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيداندىن – ئۇلۇغچات ناھىيسى **ىدىكى ئۆيىگە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ، دۆلەت يولى 314-لىنىيسىگە چىقىشقا 200 مىتىر قالغان ئورۇنغىچە ھەيدەپ كەلگەندە، ئۆزى بىلەن قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان مەمە** ھەيدەپ ماڭغان ئىككى چاقلىق توكسىكلىت بىلەن سۇقۇشۇپ كىتشتەك يول قاتناش ھادىسسى يۈزبەرگەندىن كىيىن، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئاقتۇ ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ساقچىلار تەرپىدىن بايقالغان، ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى جاۋابكار مە**نى مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ئويتاغ دوختۇرخانسىغا ئىلىپ بىرىپ قان ئەۋرىشىكىسى ئىلىپ تەكشۈرگەن.

   شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش ئورنىنىڭ [2020] 2724-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارنى تەكشۈرۈش يەكۈندە ، جاۋابكار مە**نىڭ شۇ كۈندىكى ھەر 100 مىللى لىتىر قىندا 129 مىللى گىرام ئىسپرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

  يۇقارىقى پاكتنى بېكتشدىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

1-​ يازما ئسپات. 

1-​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى. 

1-​ باھالاش پىكىرى.

1-​ نەق مەيدان سۇرئىتى قاتارلىقلار.

   مەھكىمىمىز : جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگلمسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىللنىدۇ دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمەڭلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق. مەھكىمەڭلارنىڭ بۇ دىلونى « تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتۋى » بويىچە قاراپ چىقىپ جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى ئۈچۈن بىر ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلېش جازاسى بىرىپ ئىككى ئاي كىچىكتۈرۈش، قۇشۇمچە ئىككى مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇشقا تەكلىپ بىرىمىز.  جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بىرشىڭلارنى سورايمىز. 

ھۆرمەت بىلەن :

                  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق

                   سوت مەھكىمسگە:

                            تەپتىش  : مەمەتتۇرغان كىرىم

                            مۇۋەققەت تەپتىش  : دىلشات ھاكىم

                            2020 يىلى 7- ئاينىڭ 17-كۈنى  

   ئىزاھات: 

1- جاۋاپكار ھازىر ئائىلسىدە كېپلدە. 

2- جاۋاپكار ئاقلغۇچى تەكلپ قلىمدى . 

3 - ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، «جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش» تىلختى،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى قاتارلىقلار ج خ  دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top