欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(也某某涉嫌危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020)186-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار ي**، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 1019*******652925. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ت** ناھىيسىدىن،  ئى** يېزا ق** كەنت **-گوروپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى    12-ئاينىڭ   12-كۈنى توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار         ي**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 25-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

   جاۋابكار يە** 2018-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا، ** ناھىيە ت**بازار مەنزىرە كۆل رايۇنىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ر**، ئە** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ رۇيا ماركىلىق ئاق ھاراقتىن ئۈچ بوتۇلكا ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، سائەت 18:30 ئۆتكەن ئەتىراپتا ي** ھاراق ئىچكەن دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويغان 新N0** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنىڭ ئارقىسىغا ر**نى ئولتۇرغۇزۇپ، پىراۋىسىز مىنىپ توقسۇ ناھىيە شەھەر تاشقى ئايلانما يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا قەرىز ئامانەت كوپراتىپىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى 新N0** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەيدىگۈچى ي**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان،

    شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 7180-نومۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ي**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 166 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،  باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ي**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن   ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار         ي**قا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا، 67-ماددسىنىڭ 3-تارمقىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 3ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                  تەپتىش :  ئەمەر قادىر

                        تەپتىش:   مارىگۈل ئەنۋەر

                        2020-يىلى 4-ئاينىڭ  25-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top