温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕587号
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] 587-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار خxxxx، ئەر، ئۇيغۇر، xxxx-يىلى-xئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:xxxxxxxxx652922، تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئونسۇ ناھىيە xxxx بازىرى xxxx كەنت x-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، 2020-يىلى8-ئاينىڭ1-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار خxxxxنىڭ چېتىشلىق ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 2- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 5–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە:
جاۋاپكار خxxxx 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئونسۇ ناھىيە xxx بازىرى xxxxx كەنت كومتىتىدا دۇجۇرنىلىك تۇرۇش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى xxxx جاۋاپكار خxxxxغا تېلفوننى تەڭشەپ بېرىشنى ئېيتقان ھەمدە تېلفوننىڭ ئېكران مەخپىي نومۇرىنى جاۋاپكار خxxxxغا دەپ بېرىپ، كەنت كومتىتى دۇجۇرنىخانىسدىن چىقىپ كەتكەن، جاۋاپكار خxxxx زىيانلانغۇچىxxxxنىڭ تېلفوننىنى ئېلىپ، ئۈندىدارغا باغلانغان بانكا كارتسىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ قىلۋېلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى xxxxنىڭ تېلفونىدا ساقلانغان كىملىكىنىڭ سۈرىتى ئارقىلىق ئۈندىدار (ئۈندىدار نومۇرى wxid- xxxxxxxx) نىڭ چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىنى پەرەز قىلىپ تاپقاندىن كېيىن، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە جەمئىي يەتتە قېتىمدا زىيانلانغۇچى xxxxxنىڭ تېلفونىدىكى ئۈندىدار چىقىم قىلىش ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ پۇل تاپشۇرۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 19847يۈەن پۇلنى ئوغۇرلىۋالغان، ھەمدە ئوغۇرلىغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلوپاش بولغاندا زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار خxxxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقستىدە، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇنچە ئېلىۋلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا نىڭ67-ماددا -3 تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار خxxxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۈرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: پاتىگۈل ياسىن
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى
【قۇشۇمچە】: (1) جاۋابكار xxxx ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) بىر توپلام دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار. (3) «گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتى» بىر نۇسخا (4) «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论